يۇيۇش مۇۋاپىق كەلمەيدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قانداق سۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالدۇر تۇغۇلغان، كىندىكى چۈشۈپ بولمىغان، بەدىنى ئاجىزراق ياكى كېسەل بوۋاقلارنى يۇيۇش مۇۋاپىق بولمىسا ياكى ئاتا - ئانا يۇيۇشقا جۈرئەت قىلالمىغاندا، بوۋاق مەزگىلىدە پاكىزلىقنى ساقلاش مۇھىم بولغانلىقتىن پاكىز يۇمشاق پاختا لۆڭگە ياكى پاكىز بۇلۇت بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سۈرتۈپ يۇيۇشقا بولىدۇ. ئاۋۋال ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 38℃ ئەتراپىدا تەڭشىۋېلىش ھەمدە سۇ تېمپېراتۇرىسىنى 40℃ ئەتراپىدا تەڭشەپ ئىسسىق سۇ تەييارلاش، ئاندىن بوۋاقنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇپ چوڭ مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن بەدىنىنى ئوراپ، كەڭ - كۇشادە، بىخەتەر كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇش، ئارقىدىن لۆڭگىنى سۇدا نەمدەپ سىقىۋېتىپ، بوۋاقنىڭ باش قىسمى بىلەن يۈز قىسمىنى سۈرتۈش، كۆز، قۇلاقلىرىنى سۈرتكەندە ئىنچىكە ئېھتىياتچان بولۇش بىلەن بىللە يەنە غەيرىيلىك بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئۈستى بەدىنىنى ئېچىپ پاكىزلانغان لۆڭگە بىلەن بىلەك، مەيدە، قورساقلىرىنى ئاندىن بوۋاقنى ئۆرۈپ دۈمبىسىنى سۈرتۈش، بوۋاقنىڭ ئۈستى قىسمىنى ئورىۋېلىپ ئاستى بەدىنىنى ئېچىپ كۆپىيىش ئەزاسى، كاسا، يوتا، پۇت قىسمىلىرىنى سۈرتۈش، ئاخىرىدا پاكىز قۇرۇق لۆڭگە بىلەن بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى سۈرتۈۋېتىپ، پاكىز كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سۈرتۈش جەريانىدا سۇنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۇنى كۆپرەك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بىلەن بىللە ھەر قېتىم لۆڭگىنى پاكىز سىقىۋېتىش كېرەك.