بىر پارچە تاشنىڭ مېتېئورىت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مېتېئورىت ئىنتايىن قىممەتلىك ئاسمان جىسىملىرى تاش قاتمىسى بولۇپ، بۇ <ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن مېھمان> ئىنسانلارغا ئالەمنىڭ نۇرغۇن سىرلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئالىملار مېتېئورىتلارنى يىغىش ۋە ساقلاشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەگەر بىر دۆۋە تاش ياكى تۆمۈر پارچىسىنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇنىڭ مېتېئورىت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرەلەيسىز؟
مېتېئورىت يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچقان چاغدا، ھاۋا بىلەن كۈچلۈك سۈركىلىدىانلىقتىن، تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئۆرلەپ، سىرتقى يۈزى ئېرىپ سۇيۇق جىسىمغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەر شارى تۆۋەن ئاتموسفېرا قاتلىمىنى كېسىپ ئۆتكەندە، قويۇق ھاۋانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئېرىگەن سىرتقى يۈزى تەدرىجىي سوۋۇپ، نېپىز بىر قەۋەت پوست شەكىللىنىدۇ، ئۇ ئېرىگەن پوست دېيىلىدۇ. ئېرىگەن پوست ئادەتتە ئاران بىر مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، رەڭگى قارا ياكى قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئېرىگەن پوست سوۋۇش جەريانىدا ئەتراپىدىكى ئېقىۋاتقان ھاۋا مېتېئورىتنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. بۇ ئىزلار قارىماققا خېمىرنى باسقاندىكى بارماق ئىزلىرىغا ئوخشىشىدىغان بولۇپ، ھاۋا ئىزى دېيىلىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئادەتتىكى بىر پارچە تاش ياكى تۆمۈرنىڭ سىرتقى يۈزىدە مۇشۇنداق بىر قەۋەت ئېرىگەن پوست ياكى ھاۋا ئىزى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مېتېئورىت بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئالىملار مېتېئورىتنى پەرقلەندۈرگەن چاغدا، يەنە ئۇنىڭ تەركىبىگە نىسبەتەن ئىنچىكە ئىلمىي ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. ماددىي تەركىبىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، مېتېئورىتنى ئاساسىي جەھەتتىن تاش مېتېئورىت، تۆمۈر مېتېئورىت ۋە تاش - تۆمۈر مېتېئورىتتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. تاش مېتېئورىت ئادەتتە مېتېئورىت دېيىلىدۇ، تۆمۈر مېتېئورىت يەنە مېتېئورىت تۆمۈر دېيىلىدۇ.