يىلان نېمە ئۈچۈن ئۆزىدىن چوڭ نەرىسىلەرنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر بىر قىسىم تويماس، ئاچ كۆز ئادەملەرنى يىلانغسا ئوخشىتىدۇ. يىلان ئۆزى كىچىك بولغىنى بىلەن، چاشقان، قوزا ھەتتا موزاي قاتارلىق ھايۋانلارنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ.
ئۇنداقتا، يىلان نېمە ئۈچۈن ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ يېمەكلىكلەرنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە يىلاننىڭ يېمەكلىكلەرنى يۇتىدىغان ھەر قايسى بوغۇملىرىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، يىلاننىڭ بېشىدىكى بوغۇملار بىر - بىرىگە ئانچە زىچ تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ بوغۇملار سىڭىز ئاقىلقلا بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، يىلان ئېغىزىنى 130 گرادۇس ئاچالايدۇ، ئادەمنىڭ ئېغىزى بولسا ئاران 30 گرادۇس ئەتراپىدائېچىلىدۇ. يىلاننىڭ ئېڭەك سۆڭىكىمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئوڭ - سولىغا يۆتكلىپ، ئايرىم ياكى نۆۋەتلىشىپ ئوخشاش بىر تەرەپكە كېڭىيەلەيدۇ. يىلان يېمەكلىكىنى چىشلىگەن چاغدا، ئېڭەك سۆڭىكى ئوڭ - سولىغا ئالمىشىپ يېمەكلىكنى ئىچىگە تارتىدۇ ياكى يېمەكلىكنى ئالدىغا چىقىرىپ تۇرغۇزالايدۇ. يىلاننىڭ كۆكرەك سۆڭىكى ۋە كۆكرەك بوشلۇقى بولمىغاچقا، ئاشقازان بىلەن ئۈچىيىنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا، يىلاننىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ يېمەكلىكنى يۇتۇۋېتەلىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس.
بۇنىڭدىن سىرت، يىلان يېمەكلىكنى يۇتقاندا، نۇرغۇن سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، يېمەكلىكنى سىلىقلىغۇچ قىلىدۇ، بۇ خىل سىلىقلىغۇچ يىلاننىڭ يېمەكلىك يۇتۇش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىدۇ.
يىلاننىڭ چىشى بولمىغاچقا، يېمەكلىكنى چاينىيالمايدۇ، شۇڭا، ئۇ يېمەكلىكنى چاينىمايلا يۇتۇۋېرىدۇ. يىلان ناھايىتى ئىشتىھالىق بولۇپ، ئادەتتىكى يىلان بىر قېتىمدىلا كەينى - كەينىدىن تۆت - بەش چاشقاننى ياكى قۇشقاچنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ. يىلان ئاچلىققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، چار يىلان ھېچ نەرسە يېمەي - ئىچمەي 78 كۈن ياشىيالايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، يىلاننىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى، يەنە كېلىپ ئۇ ئوزۇقلۇقنى ئىنتايىن ئىقتىسادچىللىق بىلەن خورىتىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھايۋانات پادىشاھلىقىدىكى «ئوزۇقلۇق تېجەش ئۈلگىسى» گە ئايلانغان.