نېمە ئۈچۈن قۇندۇز ھايۋان ئارخىتېكتور دەپ ئاتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام كېلىدىغان قۇندۇز ئاجايىپ ئوۋىلارنى، يەنە تېخى توسمىلارنى ياسىيالايدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئارخىتېكتور دەپ ئاتىشىدۇ. ئەمما كىچىككىنە قۇندۇز ئاشۇنچىۋالا چوڭ ئۇۋا - توسمىلارنى قانداق ياسايدۇ؟
ئالدى بىلەن قۇندۇزنىڭ ئۇۋىسىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ تولىمۇ ئەپلىك ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. چېدىر شەكلىدىكى ئۇۋىنىڭ تاملىرى قېلىن بولۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن تەرىپىدىن بىردىن چىقىش ئېغىزى بار، بىر ئېغىزى يەر يۈزىگە، يەنە بىر ئېغىزى يەر ئاستى تونىلىدىن ئۆتۈپ يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئاستىغا تۇتىشىدۇ. ئۇۋا ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتى قۇرغاقراق بولىدۇ، بۇ ياتىدىغان ئۇۋىسى، ئاستىنقى قەۋىتى سۇ يۈزىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، بۇ ئوزۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدۇر.
كىچىككىنە قۇندۇز ئۈچۈن سۇدا ئۇۋا ياساش تولىمۇ قىيىن ئىشتۇر. ئۇ ئۇۋىسىنى دەريا سۈيى ئېقىتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇۋا ياساشتىن ئىلگىرى سىرتىغا سۇنى توسۇپ تۇرىدىغان توسما ياسىشى كېرەك، توسما ياساش ناھايىتى چوڭ قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. قۇندۇز ئالدى بىلەن ئۆتكۈر ئۇتتۇر چىشلىرى بىلەن دەريا بويىدىكى دەرەخلەرنى غاجاپ دەرياغا قارىتىپ يىقىتىدۇ، ئاندىن سۇنىڭ ئېقىتىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ دەرەخلەرنى توسما ياسايدىغان جايغا يۆتكەپ كېلىدۇ، دەرەخ شاخچىلىرىنى توپىغا قوزۇق قىلىپ سانجىيدۇ، ئارقىدىن شاخ - شۇمبىلار، شېغىل - لاي، قۇملارنى دۆۋىلەپ توسما ياسايدۇ. ئالىملارنىڭ كۆزىتىشىچە، قۇندۇز ياسىغان ئەڭ چوڭ توسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىكەن. توسما دەريا سۈيىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، توسمىنىڭ ئىچى كىچىك بىر كۆل بولىدىكەن - دە، قۇندۇز شۇنىڭ بىلەن ئۇۋا ياساشقا باشلايدىكەن.