UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟

تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى بىمارنىڭ تۇيۇقسىز سېزىمىنى يوقىتىش، ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكچىلەرنى چىقىرىش، چىرايىنىڭ كۆكىرىپ كېتىشى، پۇت - قوللىرىنىڭ تۈپتۈز ھالەتكە كېلىپ قېلىشى، قاتتىق بولۇپ قېلىشى، ئىككى قولىنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈۋېلىشى، قارىچۇقىنىڭ يۇقىرىغا تارتىپ كېتىشى بولۇپ، ئاندىن كېيىن پۇت - قوللىرىنىڭ تارتىشىشى، نەپەسنىڭ تېزلىشىشى ياكى رەتلىك بولماسلىقى، دائىم تىلىنى چىشلەپ زەخىملەندۈرۈشى قاتارلىقلار. بەزىدە چوڭ - كىچىك تەرەتمۇ قىلىپ قويىدۇ، قوزغىلىش ۋاقتى بىر مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولۇپ، كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن بىرەر نەرسىنى سەزمەس ياكى ئۇيقۇچان بولۇپ قالىدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ، بىراق بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ، ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە سەزگۈسىنى يوقىتىپ، تىلى كالۋالىشىپ، ھەرىكىتى توختاپ قالىدۇ. مەلۇم بىر بەدەن قىياپىتىدە تۇرۇپ سەكرىيەلمەيدۇ، يېقىلىپ كەتمەيدۇ، كۆز قارىچۇقى تۇيۇقسىز قېتىپ قالىدۇ، مۇسكۇللىرى تارتىشمايدۇ. ئىككى سېكۇنتتىن ئون سېكۇنتقىچە داۋاملىشىدۇ، ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ، نورمال ھالەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ <ھوشىنى يوقىتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ ياكى گەۋدىنىڭ مەلۇم قىسمىدىكى مۇسكۇل، پۇت - قوللار تۇيۇقسىز تارتىشىپ قالىدۇ، بىمار تۇيۇقسىز قايتا - قايتا ھالدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ كېتىدۇ، يىقىلىپ چۈشىدۇ، مەقسەتسىز ھالدا بىرەر نەرسىلەرنى دەپ چايناپ كېتىدۇ، ئېغىزىدىن سۇ ئاقىدۇ، بىرەر نەرسە يۇتقان ھالەتتە تۇرىدۇ. قورساق ئاغرىپ، ياندۇرۇش، باش ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتىدۇ شۇنداقلا بەزى بالىلار ئالاھىدە پۇراقتا ھوشىدىن كېتىدۇ ياكى قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭايلا باشقا كېسەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىدا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەرنى بايقىغان ھامان، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki