مائۇس نېمە ئۈچۈن ئۇچۇر كىرگۈزەلەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
مائۇس 1983 - يىلى ئىجاد قىلىنغان. مائۇسنى كومپيوتېرغا ئۇلاپ، قولىمىز بىلەن مائۇسنى بېسىپ تۇرۇپ تەكشى ئۈستەل يۈزىدە ھەرىكەتلەندۈرسەك، ئېكراندىكى نۇر بەلگىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە يۆتكىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئېكراندىكى ھۆججەت بەلگىسىنى ياكى بۇيرۇق تىزىملىكىنى چەكسەك، كومپيۇتېر شۇ بەلگە ۋەكىللىك قىلغان ھۆججەتنى ئېچىپ بېرىدۇ ياكى شۇنىڭغا ماس بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ.
مائۇس نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرغا ئۇچۇر كىرگۈزەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، مائۇسنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە كىچىك بىر يۇمىلاق تۆشۈك بولۇپ، ئىچىگە كاۋچۇك شارچە ئۇرنىتىلغان. مائۇس تەكشى يۈزدە يۆتكەلگەندە، كاۋچۇك شارچە دومىلاپ، بىر ئوقنى ئالدى - كەينىگە، يەنە بىر ئوقنى ئوڭ - سولغا ئايلاندۇرۇىدۇ. بۇ چاغدا مائۇس ئىچىدىكى سېنزور ئىككى ئوقنىڭ ئايلىنىش ئۇچۇرىنى سىگنال كابېلى ئارقىلىق كومپيۇتېرغا يەتكۈزىدۇ، ئاندىن كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نۇر بەلگىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە <قوماندانلىق> قىلىدۇ. مائۇسنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى كۇنۇپكا توك يولى ۋىكليۇچاتېلى بولۇپ، بىر باسقاندا، توك يولىغا ئۇلىنىپ، كومپيۇتېر سىگنال قوبۇل قىلىدۇ - دە، ئاشۇ سىگنالغا ئاساسەن مەشغۇلات قىلىدۇ.
مائۇس نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ، مەسىلەن، ئېكراندىكى سىن بەلگىلەرنى يۆتكەپ، مۇۋاپىق ئورۇنغا قويالايدۇ. مائۇس بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى <بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ> كومپيۇتېرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىدۇر.
مائۇس ئېللىپىس شەكىللىك كىچىك قۇتىغا ئوخشىشىدۇ، ئۇنىڭغا ىر قۇيرۇق - سىگنال كابېلى ئۇلانغان بولغاچقا، پۈتۈن ھالىتى چاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا <مائۇس> دېگەن بۇ سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى <چاشقان> سۆزىدىن كەلگەن.