UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بارلىق توك چىقىرىش يوللىرى ئىچىدە، يادرو ئارقىلىق توك چىقىرىش ۋە ئىسسىقلىق ئارقىلىق توك چىقىرىش (يەنى يېقىلغۇ ئارقىلىق توك چىقىرىش) تىن باشقا، سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئەڭ تېجەشلىك ھەم ئاسان بولىدۇ. سۇ كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتا جەزمەن مۇنداق ئىككى شەرتنى ھازىرلاش كېرەك: بىرىنچىدىن، غايەت زور سۇڭ ئورنى پەرقى بولۇشى كېرەك، ئىككىنچىدىن، سۇ ئېقىنىنىڭ مىقدارى غايەت زور بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى دەريالارنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىدىكى جىلغا ۋە بۆلەكلەرگە، ئاشۇ ئىككى خىل شەرت ئاساسىدا قۇرۇلغان، دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ يۈزى تەكشى بولىدۇ، سۇ ئورنىدا پەرق بولمايدۇ، قارىماققا توك چىقىرىش مۇمكىن ئەمەستەكلا قىلىدۇ. لېكىن ئالىملار يەنىلا ئامال قىلىپ دېڭىز سۈيىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلدى، يەنى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش پەسىيىشىدىن توك چىقاردى. دېڭىز - ئوكيان سۈيى بەزىدە كۆتۈرۈلۈپ، بەزىدە پەسىيىدۇ، بەزىدە يېرىم كۈن دولقۇنلىسا، بەزىدە بىر كۈندە ئىككى قېتىم كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى قېتىم پەسىيىدۇ، دولقۇننىڭ ئېنېرگىيە يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش پەسىيىشىدىن ئىبارەت غايەت ئېقىش سۈرئىتىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەن ياكى پەسەيگەندە، سۇ ئېقىنىدا ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى پەيدا بولىدۇ، مۇبادا بۇنداق ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ سۇ تۇرۇبىلىق گېنېراتورنى ئايلاندۇرغاندا غايەت زور ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئېلېكتر ئىستانىسىسى فرانسىيىدىكى لېنس ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ، توك چىقىرىش مىقدارى 240 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ شەندۇڭ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. ھازىر دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر نېفىت قاتارلىق يېقىلغۇلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە كرىزىسىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قانداق قىلىپ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈۈش پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ توك چىقارغىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki