بوۋاقلار فېنىل كېتون سىيىش كېسىلىگە گىرىپتاربولسا قانداق ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى بىر خىل كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئامىنو كىسلاتاسى مېتابولىزمى بىنورماللىقى. بوۋاقلار جىگىرىدە تۇغما فېنول كىسلاتاسى - 4 - گىدروكسىئېنزىم كەمچىل بولۇپ، فېنول كىسلاتاسى نورمال ماددا ئالماشتۇرۇپ تىروزىن ھاسىل قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، فېنىل ئالانىن بىلەن فېنىل پىرۇۋىك كىسلاتاسى بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. كلىنىكىدا تېرە نېپىزلىشىش، چاچلىرى ساغىرىش، رەڭدار پەردىنىڭ رېڭى سۇسلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاتمىسا ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەن فېنىل ئالانىنلىق يېمەكلىكلەرنى سۈت ئورنىدا يېگۈزۈش، ئانا سۈتىنىڭ مىقدارىنى ئازلىتىش كېرەك.