تانكىنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا يەنە قانداق رولى بار؟
نېمە ئۈچۈن
تانكا بارلىققا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، قۇرۇقلۇق جەڭگاھىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۇجۇم قورالى بولۇپ كەلدى. نەچچە ئون يىلدىن بېرى، ئۇنىڭ قوراللىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىقتىدارىمۇ كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە ئىشلاردا قوللىنىلىدىغان يېڭى تىپتىكى تانكىلارمۇ ئۆزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، تانكىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى.
كۆۋۈك سالغۇچى تانكىنىڭ شەكلى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ئۈستىدە زەمبىرەك مۇنارى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن پولات كۆۋرۈك بولىدۇ. 20 نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى دەريا - ئۆستەڭلەرگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، كۆۋرۈك سالغۇچى تانكىنىڭ كۆۋرۈكى قارشى قىرغاققا يېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلىق كۆۋرۈك ئادەم، ئات - ئۇلاغلارنىلا كۆتۈرۈپ قالماي، ھەتتا ئېغىر تانكىلارمۇ بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتەلەيدۇ تېخى!
قۇتقۇزۇش تانكىسىنىڭ گەۋدىسى تانكىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۈستىدە يوغان بىر كران بار. ئۇ يارغا ياكى سازلىققا چۈشۈپ كەتكەن تانكا ۋە باشقا ئاپتوموبىل - برونېۋىكلارنى تارتىپ چىقىرالايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن ئەسۋابلىرى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇزۇلغان تانكىلارنى ۋاقتىدا رېمونت قىلالايدۇ، ئەگەر خۇددى جەڭگاھتىكى <قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى> غا ئوخشىتىدۇ.
مىنا تازىلاش تانكىسى خۇددى يول چىڭداش ماشىنىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ئالدىغا يوغان بىر تۇلۇق ئورنىتىلغان، ئالدىغا ماڭغاندا، تۇلۇق مىنالارنى بىر - بىرلەپ پارتىلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا تانكا، ئاپتوموبىل ۋە پىيادە ئەسكەرلەرگە بىر بىخەتەر يول ئېچىلىدۇ.
بۇلاردىن سىرت، قوماندانلىق تانكىلىرىغا يەنە ئىلغار ئېلېكترونلۇق سىستېمىلار ئورنىتىلغان بولۇپ، جەڭگاھتا قوماندانلىق قىلالايدۇ ۋە ماسلاشتۇرالايدۇ؛ رازۋېدكا تانكىلىرىدا سەزگۈر رازۋېدكا قىلىش، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بولۇپ، جەڭگاھ ئۇچۇرلىرىنى توغرا، ۋاقتىدا يوللاپ بېرەلەيدۇ؛ سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان تانكىلار سۇدا يۈرەلەيدۇ، قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ...