نېمە ئۈچۈن يېپىشماس قازاندا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى قازاننىڭ تېگى تۇتۇۋالمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىكى چويۇن قازاندا تاماق ئەتكەندە دائىم دېگۈدەك يېمەكلىكلەرنى قازاننىڭ تېگى تۇتۇۋالىدۇ. يېپىشماس قازاندا تاماق ئەتكەندە بۇنداق ئاۋارىچىلىك بولمايدۇ. يېپىشماس قازاننىڭ بۇنداق <ئالاھىدە> ئىقتىدارىنىى پولىتېترافتورو ئېتىلىن دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيال بەلگىلىگەن.
ئادەتتىكى چويۇن قازاننىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت پولىتېترافتورو ئېتىلىن سۈركەلسە، ئۇ يېپىشماس قازانغا ئايلىنىدۇ. پولىتېترافتورو ئېتىلىن فتور ۋە كاربوندىن ئىبارەت ئىككى خخل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ مولېكۇلا مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى يۇقىرى مولېكۇلا بىرىكمە ماددىسىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. پولىتېترافتورو ئېتىلىن مولېكۇلىسىنىڭ ئىچىدە كاربون ئاتومى بىلەن فتور ئاتومى ناھايىتى زىچ بىرلەشكەن، خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن مۇقىم، ئادەتتىكى كىسلاتا ۋە ئىشقار ئۇنىڭغا تەسىر قىلالمايدۇ، ئۇنى چىرىتىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان پادىشاھ ھارىقىغا سېلىپ قايناتسىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇڭا، پولىتېترافتورو ئېتىلىننى قازاننىڭ تېگىگە سۈرتسە، ھەر قانداق تاماق ئەتكەندىمۇ قازاننىڭ تېگى تۇتۇۋالمايدۇ.
بىراق، پولىتېترافتورو ئېتىلىننىڭ كەمچىلىكى شۇكى: ئۇ 250 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارچىلىنىپ، زەھەرلىك ماددا چىقىرىدۇ. شۇڭا، تېگى تۇتماس قازاننى ئىشلەتكەندە قازاندىكى پولىتېترافتورو ئېتىلىننى ئاسراش ئۈچۈن ئۇنى ئوتقا قۇرۇق قويۇپ قىزىتماسلىق كېرەك. تېگى تۇتماس قازاندىكى پولىتېترافتورو ئېتىلىننى بۇزۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى ھەم قاتتىق چوتكىدا يۇماسلىق لازىم.