نېمە ئۈچۈن مەنپىي ئىئون <ھاۋا ۋىتامىنى> دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزاق مۇددەت ئىشلىگەن ۋە ياشىغان ئادەم ئەركىن نەپەس ئالالماي، بېشى قېيىپ، دېمى سىقىلغاندەك بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مەنپىي ئىئوننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ بەك تۆۋەن بولغانلىقىدا.
ھاۋا ئاساسلىقى ئوكسىگېن، ئازوت گازى، ئازمىقداردىكى كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى، سۇ پارى ۋە ئىنېرتلىق گاز قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھاۋادا توك بولمايدۇ، ئەمما، ئۇلترا بىنەپشە نۇر، ئالەم نۇرى ياكى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسم گاز مولېكۇلىلىرى ئېلېكتروندىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ ئېلېكترونلارنىڭ باشقا گاز مولېكۇلىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋا مەنپىي ئىئونىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھاۋادىكى ھەر خىل گاز مولېكۇلىلىرىنىڭ ئېلېكترون بىلەن قوشۇلۇش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ ئېلېكترون بىلەن قوشۇلۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ ھاۋادىكى تەركىبى ئاران 0.03%. شۇڭا، ھاۋادىكى مەنپىي ئىئون ئاساسلىقى مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونى بولىدۇ.
كىشىلەر نۇرغۇنلىغان تېببىي كلىنىكىلىق تەجرىبىلەردىن ھاۋادىكى مەنپىي ئىئوننى ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نەپەس ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، ماددا ئالمىشىشنى كۈچەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئورگانىزملارنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا، مەنپىي ئىئوننى كىشىلەر <ھاۋا ۋىتامىنى> دەيدۇ.
مەنپىي ئىئوننىڭ بۇ ئاجايىپ ئىقتىدارى قانداق پەيدا بولغان؟
تېببىي پەن ئالىملىرى ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكروب ۋە نۇرغۇن باكتېرىيىلەرنىڭ ھەممىسىدە مەنپىي زەررىچە بار، دەپ قارايدۇ. ھاۋادىكى مەنپىي ئىئون ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردىمۇ مەنپىي زەررىچە پەيدا قىلىدۇ، ئوخشاش ئالامەتلىكلەر ئۆز ئارا تېپىشىش رولىنىڭ تەسىرىدە مىكروب ۋە باكتېرىيىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى يوقىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھاۋادىكى مەنپىي ئىئون قاندا ئايلىنىش ئارقىلىق ئادەم بەدىندىكى بارلىق ئەزالارغا كېڭىيىپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئۇنىۋېرسال ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
دەل ھاۋادىكى مەنپىي ئىئوننىڭ مۇشۇ فىزىئولوگىيىلىك ساقلىقنى ساقلاش رولىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇنيا سەھىيەتەشكىلاتى ساپ ھاۋا ئۆلچىمىنى بېكىتكەندە مەنپىي ئىئون تەركىبىنى مۇھىم بىر باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلدى.