UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىئو رىتىمىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا ياردىمى بولامدۇ؟

بىئو رىتىمىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا ياردىمى بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بىئو رىتىم (يەنى ئادەتتە ئېيتىدىغان بىئولوگىيىلىك سائەت) بولسا جانلىقلارنىڭ تېنىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەربىر ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر ئايدا بىئو رىتىمىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن مەزگىلى بولىدۇ. ئەگەر ساغلام بولغان ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ بىئو رىتىمى يۇقىرى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدار بولسا، تۇغۇلغان بالا ساغلام، ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپ يۇقىرى باسقۇچتا، يەنە بىر تەرەپ تۆۋەن باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا، تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تەبىئىي ساپاسى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتىكىچە بولىدۇ. ئەگەر ئىككىلا تەرەپ تۆۋەن باسقۇچتا تۇرۇپ جىنسىي ئالاقە قىلغان مەزگىلدە ھامىلىدار بولغاندا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى بىر ئاز ناچار بولىدۇ. بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەرقانچە ئەقىللىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى بالىلارنىڭ گومۇش، ئەقلىي قابىلىيىتى ناچار ئىكەنلىكىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. ئەكسىچە، بەزى ۋاقىتتا توخۇ ئارىسىدىن سۇمرۇغ چىققانلىقىنىمۇ كۆرۈپ تۇرىمىز
← بارلىق تېمىلار نەمە