UyghurWiki›نەمە›ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟
ئون ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى قانداق مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېشىغا توشاي دېگەن بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنىدىكى يېمەك - ئىچمەك قېتىم سانى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بەش قېتىم بولۇشى، ھەر قېتىمدىكى ئارىلىقى تۆت سائەت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. بوۋاققا قەرەللىك ھالدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا (مۇقىم ئورۇندا) تاماق بەرسە، بوۋاقنىڭ يېمەك - ئىچمىكىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقتا مۇئەييەن دەرىجىدە قولىنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى بولغان بولىدۇ. شۇڭا بالىنى ئېمىتكەن ۋاقىتتا، بالىنىڭ قولىغا سۈت بوتۇلكىسىنى تۇتقۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى مەشىق قىلدۇرۇش كېرەك