UyghurWiki
UyghurWikiنەمەگاسترودىيە ئوتىنىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى بولمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا ئۆسۈۋېرىدۇ؟

گاسترودىيە ئوتىنىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى بولمىسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا ئۆسۈۋېرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن گاسترودىيە ئوتى بىر خىل مەشھۇر دورا ئۆسۈملۈكى بولۇپ، سوغۇق ھەم نەم ئورمان رايونلىرىدا ۋە تاغ ئارىسىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ يىلتىزىمۇ، يوپۇرمىقىمۇ يوق، يەر ئۈستى قىسمى ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر ئۆپچۆرىسىدىكى يىلتىزسىمان غول بولۇپ، ئۇچىدا بىر بۆلەك گۈل باشىقى بولىدۇ، يەر ئاستى قىسمى بىر تال ياڭيۇغا ئوخشاش تۈگۈنەك غول - گاسترودىيىدىن ئىبارەت. ئەسلىدە گاسترودىيە ئوتى ئارمىللارىيە بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ. ئارمىللارىيە بىر خىل زەمبۇرۇغ بولۇپ، ئورمانلىقلاردا ھەممىلا يەرنى تېشىپ كېرىپ، مەخسۇس باشقا ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇ گاسترودىيە ئوتىغا دۇچ كەلگەندە، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى بىلەن تۈگۈنەك غولنىمۇ ئورىۋېلىپ، ئۇنى ئاستا - ئاستا يەپ كاۋاكلاشتۇرىدۇ. لېكىن گاسترودىيە ئوتىنىڭ ھۈجەيرىسىدە بىر خىل ئالاھىدە فېرمېنت بولۇپ، ئۇ تۈگۈنەك غولغا تېشىپ كىرگەن زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئارمىللارىيە ئەكسىچە گاسترودىيە ئوتىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ. ئارمىللارىيىنىڭ بېقىشى ئارقىسىدا، گاسترومىيە ئوتى يىلتىزى، يوپۇرمىقى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆسۈۋېرىدۇ. بىراق گاسترودىيە ئوتى قېرىپ زەمبۇرۇغنى يېيىش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا ئارمىللارىيىنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالدىنقى مەزگىلدە گاسترودىيە ئوتى ئارمىللارىيىنى يېيىش، كېيىنكى مەزگىلدە ئارمىللارىيە گاسترودىيە ئوتىنى يېيىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، گاستوردىيە ئوتىنىڭمۇ ئەسلىدە يىلتىزى، يوپۇرمىقى بولغان. لېكىن گاسترودىيە ئوتى بىلەن ئارمىللارىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، گاسترودىيە ئوتىنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ئۆسۈۋەرگەچكە، يىلتىزى بىلەن يوپۇرمىقى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئاستا - ئاستا چېكىنگەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە