ھاسىراش خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى دېگەننېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ھاسىراش خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى كانايچە ياللۇغىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە تىپى بولۇپ، دېمى سىقىلىشتىن قوزغالغان كانايچە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. كېسەللەنگۈچىدە قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشتىن سىرت يەنە دېمى سىقىلىش، نەپەس چىقىرىشتا كۈچىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولىدۇ. دوختۇر تىڭشاپ تەكشۈرگەندە ئىككى ئۆپكىنىڭ ھەممىلا يېرىدىن ھاسىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. بەزىلىرى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يوقايدۇ، لېكىن بەزىلىرى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن كانايچە زىققىسىغا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئائىلە باشلىقلىرى بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ داۋالاش ھەمدە كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىش كېرەك