تاماكا چېكىشنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىرى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تاماكا تەركىبىدە زىيانلىق ماددىلاردىن، نىكوتىندىن باشقا يەنە فتورىد كىسلاتاسى، ئاممىياك، كاربون چالا ئوكسىد، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، پىرىدىن، ئاروماتىك بىرىكمىلىرى، تاماكا كوكس مېيى قاتارلىقلار بار. ئەگەر ئاياللار تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالسا، ھەيزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم ھامىلىدار بولۇشنى ئازلىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. تاماكىنىڭ زىيانلىق ماددا رولى ھامىلىدار ئانىلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كېيىن بالىياتقۇ ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ھامىلىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ خروموزوماسىنىڭ غەيرىيلىشىش نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى بۇلارغا بولغان سەزگۈرلۈكى يۇقىرى مەزگىلى بولۇپ، تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار خروموزومانىڭ غەيرىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى يەنە گېننىڭ تەڭشىلىشى ۋە كونترول قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مېتابولىزم جەريانىغىمۇ تەسىر يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە دەخلى قىلىدۇ. ھامىلىدىكى خروموزومانىڭ غەيرىيلىشى بىلەن بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى، كۆپ قېتىملىق غەيرىيلىشىش، تۇغما كېسەلچان قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چېكىدىغان ئاياللاردا بالدۇر تۇغۇش، بويىدىن ئاجراش، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ ھەم تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلىكتىن، ھامىلىدە <بالىياتقۇ ئىچىدىكى يېتىلىشى كېيىن بولۇش> ھادىسىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھامىلە يېشىدا تۇرۇپ تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆپرەك بولىدۇ، ھامىلىدار تۇرۇپ تاماكا چەككەن ئاياللار ئوڭايلا قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن سۈت يېتىشمەسلىك ئەھۋالى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، تاماكا چەككەن ئاياللار تۇغقان بالىلار ئوڭايلا نەپەس يولى كېسەللىكى ۋە تېرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن، ئوڭايلا ياندۇرىدىكەن، ئىچى سۈرىدىكەن. تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ بالىلىرى 11 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بەدەن ۋە ئەقلىي قابىلىيىتى جەھەتتىكى يېتىلىشى باشقا بالىلارنىڭكىدىن ناچار بولىدىكەن. ئۇنداقتا، ئانا تاماكا چەكسە سۈپەتلىك تۇغۇشقا يۇقىرىقىدەك زىيىنى بولسا، ئاتا تاماكا چەكسىچۇ؟ ئالدى بىلەن بىز تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئاتا تاماكا چەكسە، ئانا بىلەن ھامىلە <ئىككىنچى تاماكا چەككۈچى> بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى ئانا تاماكا چەككەندىكى زىيان بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكىدىكى زىيانلىق ماددىلار مېتابولىزم جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئوغۇللارنىڭ ئۇرۇقىدىكى ئىرسىي گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى ياكى ئۇرۇقنىڭ تۇغما گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۇرۇقنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا يەنە بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىش يەنە ئۇرۇقنىڭ پائالىيەتچانلىقىغا بىر ئاز چوڭراق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھاياتلىقنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ قارار چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇرۇق غەيرىي نورمال، پائالىيەتچانلىقى ئاجىز ياكى ئۇرۇق پىشىپ يېتىلىش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىسا، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى، بويىدىن ئاجراش ياكى ھامىلىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كېيىنكى ئەۋلادنىڭ ساغلام بولۇشى ھەم ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى ئاتا - ئانىلار تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك