قانداق قىلغاندا بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگەندەياخشى ئېمىتكىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىش — بالا تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندە (تەخمىنەن بىر ھەپتە ئەتراپىدا) ناھايىتى مۇھىم، بۇمۇ ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. گەرچە بالىنىڭ ئاشقازان سىغىمچانلىقى كىچىك بولسىمۇ، بىراق ھەزىم قىلىشى ناھايىتى تېز، بولۇپمۇ ئانا سۈتىنى ھەزىم قىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، بالىنىڭ ئاشقازىنىدا تۇرۇش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا. كۆزىتىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بالا بەش مىنۇت ئىچىدە ئاشقازىنىدىكى يېمەكلىكنىڭ 70% ىنى ھەزىم قىلىپ بولىدىكەن. ئون مىنۇت ئىچىدە 90% ىنى ھەزىم قىلىپ بولىدىكەن، شۇڭا، بالىنىڭ ئەمگۈسى كەلگەن زامان ئېمىتىش بالا تۇغۇلۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئانا - بالا بىر ئۆيدە تۇرغاندا، بالىنىڭ قورسىقى ئاچقانلىق ئالامىتى بولدىمۇ يوق ياكى ئانىنىڭ كۆكسىدە چىڭقىلىش ئالامىتى بولدىمۇ - يوق؟ بۇنى ئوبدان كۆزىتىپ، بالىنى ۋاقتىدا ئېمىتىش كېرەك. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، ئانىلار بالىنى ئېمىتىش ۋاقتىنى ھەرگىز ئۇزارتىۋەتمەسلىكى، بالا بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەڭ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك.