UyghurWiki
UyghurWikiنەمەتاق رېلىسلىق تۆمۈر يول قانداق بولىدۇ؟

تاق رېلىسلىق تۆمۈر يول قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز پويىزنىڭ تاق رېلىسلىق يولدا ماڭغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ بۇ، كەلگۈسىدىكى زامانىۋىلاشقان شەھەر قاتنىشىنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاق رېلىسلىق تۆمۈر يول ئاسما شەكىللىك ۋە ئاتلىما شەكىللىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولنىڭ رېلىس لىمى پولات تۈۋرۈك ياكى پولات چىۋىقلىق بېتون تۈۋرۈكنى ھاۋاغا ئېسىش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، ئاسما شەكىلدىكى تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولدا ماڭىدىغان ئاپتوموبىللار رېلىس لىمىغا ئېسىلىپ ماڭىدۇ. ئاتلىما شەكلىدىكى تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولدا ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ھەرىكەتچان غالتەك ۋە يېتەكچى غالتەك ئورنىتىلغان بولىدۇ. ھەرىكەتچان غالتەك رېلىس لىمى ئۈستىدە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئاپتوموبىلنى قوزغاش ھەمدە ئاپتوموبىل ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈش رولىغا ئىگە؛ يېتەكچى غالتەك رېلىس لىمىنىڭ ئىككى يېنىغا چىڭ چاپلىشىپ ئايلىنىدۇ، ئۇ ئاپتوموبىلغا يول باشلاش ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە. تاق رېلىسلىق تۆمۈر يول يۈزىدە تۈۋرۈك ئاساسچىلىك دائىرىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئىگىلىگەن يەر مەيدانەى كىچىك، جۇغراپىيىلىك شارائىتقا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى شەھەر يوللىرىنىڭ ئايرىغۇچ بۆلەكلىرىدە ياكى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا رېلىس ياساپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەر يۈزىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كۆچۈرۈش ھاجەتسىز. تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولنى ياساشقا كەتكەن پۇل مېتروغا كەتكەن پۇلنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ بولىدۇ. ياساش ئاددىي، رېمونت قىلىش، ئاسراش مېترونىڭكىدىن ئوڭاي بولىدۇ. تاق رېلىسلىق تۆمۈر يولىنىڭ ترانسىپورت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، بىخەتەرلىكىمۇ ئىنتايىن ئىشەنچىلىك. ئەگەر سەيلە - ساياھەتچىلىكتە ئىشلىتىلسە، شەھەرنىڭ يەنە بىر كۆركەم ساياھەت مەنزىرە لىنىيىسى بولۇپ قالىدۇ. زامانىۋىلاشقان تاق رېلىسلىق پويىز لىنىيىسى بولۇپ قالىدۇ. ئاپتوماتىك كونترول قىلىنىدۇ، سۈرئىتى تېز، بىخەتەر بولۇپ، بوشلۇقتا ماڭىدىغان بۇ خىل پويىزدا ئولتۇرسىڭىز يەنە شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە