يۆتەل بولۇپ قالغانلاردىن ئۆي ئىچىدە قانداق خەۋەر ئېلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يۆتەل بولۇپ قالغانلاردىن ئۆيدە خەۋەر ئالغاندا، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئۆينىڭ مۇھىت ئامىلى. ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا، ھاۋاسى ساپ بولۇشىغا، تېمپراتۇرىنى 24℃~20℃ ئەتراپىدا كونترول قىلىشقا ۋە نەملىكنى بولسا 60% ~ 50% ئەتراپىدا ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، قۇرغاق ئۆيگە نىسبەتەن دائىم سۇ چاچسا بولىدۇ، نەم يەر سۈرتكۈچ بىلەن ياكى سۇ چاچقۇچ بىلەن سۇ چېچىپ، ئۆي ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش شۇنداقلا ئۆيدە تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. كىيىنىش ئامىلى. بالىلارغا مۇۋاپىق كىيىم كىيگۈزۈش، زىيادە قېلىن ياكى زىيادە نېپىز كىيىندۈرۈشتىن ساقلىنىپ، ئازادە، راھەت بولغان كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، بالىلارنىڭ نەپەس ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيدۈرمەسلىك كېرەك.
3. يېمەك - ئىچمەك ئامىلى. بالىلارغا يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلاپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، چۈنكى بۇ بەلغەمنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق. يېمەك - ئىچمەك تۇزسىزراق، مايسىزراق، زىيادە تاتلىق ياكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى شۇنداقلا كىسلاتالىقى يۇقىرى ھەم سوغۇق يېمەك - ئىچمەكنى ئىستېمال قىلماسلىقى، خاسىڭ، گازىر، شاكىلات قاتارلىق ماي كۆپ، ئوڭاي بەلغەم پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
4. يۆتەل جەريانىدا بەلغەم بولسا، يۆتەل توختىتىش ۋە بەلغەم پارچىلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ۋە نەپەس يولىنى نەملەشتۈرۈپ، بەلغەمنىڭ قويۇقلۇقىنى پارچىلاش كېرەك. ئېرىتىش ئارقىلىق داۋالىغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئازراق ئانتىبئوتىك ۋە كاناي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش دورىلىرىنى قوشۇپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ بەلغەمنى ئازلىتىپ، كانايچىنى كېڭەيتىدۇ، بۇ بەلغەمنىڭ چىقىپ كېتىشىگە پايدىلىق. بىراق، يۆتەل توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ خىل دورا بەلغەمنىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.