UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسەمەندەر بېلىق ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟

سەمەندەر بېلىق ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سەمەندەر بېلىق ئېلىمىزدە ياشايدىغان بىر خىل قوش ماكانلىق ھايۋان بولۇپ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۈيى سۈزۈك، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، چوڭقۇرراق ئېرىق - ئۆستەڭلەردە ياشايدۇ. ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن كۈنلىرى قىرغاققا چىقىپ دەرەخ تۈۋىدە سايىدايدۇ. سەمەندەر بېلىقنىڭ ئاۋازى بوۋاقنىڭ يىغىلىغاندىكى ئاۋازىغا بەكلا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. سەمەندە بېلىقنىڭ بېشى ياپىلاق، كۆزى بىلەن بۇرنى بېشىدا، ئېغىزى يوغان، پۇت - قوللىرى قىسقا ھەم كىچىك، ئۇنىڭ قاپقارا بەدىنىدە تەڭگىچىلەرمۇل يوق بولۇپ، ناھايىتى كۆرۈمسىز. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز بولغىنىغا قارىماي، «دۈشمەن» گە تاقابىل تۇرۇشتا «قورقۇتۇش، ئالداش ۋە ھىيلىگەرلىك قىلىش» تىن ئىبارەت چوڭ ئىقتىدارغا ئىگە. سەمەندە بېلىق «دۈشمەن» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، دەرھال ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ، دۇئېلغا چۈشكەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. لېكىن بەزى ھىيلىگەر، ياۋۇز «دۈشمەن» لەر ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ قالماي، ئالدى پۇتلىرىنى سوزۇپ ئۇنى سىناپ باقىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قايتۇرما زەربىگە ئۆتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ. بۇ چاغدا سەمەندەر بېلىق «ئالداش» تىن ئىبارەت ئىككىنچى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئاشقازىنىدىكى بارلىق يېمەكلىكىنى قۇسۇپ چىقىرىپ، «دۈشمەن» نى يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. يەنە بەزى «دۈشمەن»لەر سەمەندەر بېلىق قۇسۇپ بەرگەن نەرسىگە كۆز قىرىنى سالماي، ئۇنىڭغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا، سەمەندەر بېلىق دەرھال بوينىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىدىن بىر خىل شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ پۈتۈن بەدىنىگە سۈركەيدۇ. قارشى تەرەپ ئۇنىڭ نېمە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئېغىزنى يوغان ئاچقىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كېلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا، سەمدەر بېلىقنىڭ بەدىنىدىن تارقىغان كۈچلۈك غەيرىي پۇراقنىڭ دەستىدىن كەينى - كەينىدىن چۈشكۈرۈپ كېتىدۇ. ئەگەر «دۈشمەن» يەنىلا بولدى قىلماي، ئېغىزىنى سەمەندەر بېلىق چىقارغان ئاق سۇيۇقلۇققا تەگكۈزۈپلا قالسا چاپلىشىپ قالىدۇ - دە، بېشىنى ھەر قانچە سىلىكىسىمۇ ئاجرىتالمايدۇ، ئاقىۋەتتە كالپۇكلىرىنى ئىشىتقىنىچە ئاستا كېتىپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە