بىر ئايلىق بوۋاقنى بېقىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
بىر ئايلىق بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدىن ئايرىلىپ بولىدۇ ھەم سۈتكە بولغان ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك سۈت مىقدارى 500 ~ 750 مىللىلىتىر بولۇپ، ھەر كۈنى ئالتە - يەتتە قېتىم، ھەر قېتىمدا 80 ~ 125 مىللىلىتىر ئېمىتىشكە موھتاج. پۈتۈنلەي كالا سۈتى بىلەنلا بېقىلىدىغان بوۋاقلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان سۈت بىلەن بېقىلاتتى، ھازىر بولسا ساپ سۈت بىلەن بېقىلسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بوۋاقنىڭ بەدىنى، ھەزىم قىلىش ھەم ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن سۈت مىقدارىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بىر ئايلىق بوۋاقلارغا نىسبەتەن ھەر قېتىم تەخمىنەن ئون مىنۇت ئەتراپىدا ئېمىتىش. ئەگەر بوۋاق سۈت ئەمگەندىن كېيىن دائىم ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ قويۇۋەتمىسە، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشىمۇ ئاستا بولسا، بۇ ئانىنىڭ سۈت مىقدارى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئارىلاشما بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئارىلاشما باققاندا <ئانا سۈتى ئاساس، باشقا سۈت مەھسۇلاتلىرى قوشۇمچە> دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك