كەسپىي ئانىلار ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا قانداقكاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
خىزمىتى بار ئانىلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى بەلكىم ئۈچ - تۆت ئاي بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئانا سۈتى بولسا بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىئىي يېمەكلىكى، ئىمكانقەدەر ئالتە ئايغىچە، مۇمكىن بولسا بىر ياشنىڭ ئالدى - كەينىگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە، بالا ئېمىۋاتقان ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مۇۋاپىق ئامال بولسىلا بوۋاقنى بىر ياشقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنغىچە ئانا سۈتى بىلەن باقالايدۇ. بۇ ئۇسۇل بولسا دەل ئانا سۈتىنى سېغىپ توغرا ئۇسۇل بىلەن ساقلاش. ئەگەر ئانىنىڭ ئىش ئورنى ئۆيگە يېقىنراق بولسا، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ۋە كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بىر قېتىمدىن ئېمىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەچتە دەم ئالغاندا ھەمدە كېچىدە ئېمىتىش. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ۋاقىتلاردا تەڭشەلگەن سۈت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئانىنىڭ ئىش ئورنى ئۆيگە يىراقراق بولسا ئانا سۈتىنى سېغىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ