UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبولغۇسى ئانىلار ئاسانلا يارىلىنامدۇ؟

بولغۇسى ئانىلار ئاسانلا يارىلىنامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بولغۇسى ئانىلار بىر نۇقتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەككى، ئۇ بولسىمۇ ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇش. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، نېرۋا رېفلېكسى ئاستىلاپ، پەيمۇ بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك ھەرىكەتلەردە دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەش، ئېگىز يەرلەردىن نەرسە ئېلىش قاتارلىقلاردا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالماي يىقىلىپ كېتىدۇ. يىقىلىپ كېتىپ ئوڭايلا يارىلىنىدۇ، پەلەمپەيگە چىققاندا ياكى پەلەمپەيدىن چۈشكەندە ئۆزىنى مەجبۇرلىماي، ئىختىيارىي ھالدا پەلەمپەي تۇتقۇچىنى تۇتۇپ مېڭىش؛ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار بىرقانچە ئاي بەرداشلىق بېرىش؛ ئاياغنىڭ پاشنىسى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇشى، يۇمشاق ھەم تېيىلمايدىغان پەس پاشنىلىق ئاياغنى تاللاش؛ ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر مەسىلەن، ئوقۇتقۇچى ياكى كۈتكۈچى قاتارلىقلار چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئازراق يېتىپ دەم ئېلىۋېلىپ، بالا ھەمراھى قان ئايلىنىشنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ساقلىنىش؛ ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى دائىم ئولتۇرۇش، ئىككى پۇتىنى باشقا ئورۇندۇق ئۈستىگە ئېلىۋېلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆي كۆچمەسلىك، قەتئىي كۆچمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا بەش ئايدىن سەككىز ئايلىق بولغۇچە جەرياننى تاللاش ياكى ئۆي كۆچۈش شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزى ھەرىكەتلىنىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش. ئەلۋەتتە، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. نەرسە يۆتكىگەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىش، چوقۇم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئېلىش. ھورۇنلۇق قىلىپ، بەلنى ئېگىپ تۇرۇپ يۆتكەشكە بولمايدۇ بولمىسا بەل قىسمى يارىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە