تۆت ئايلىق بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيىتى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تۆت ئايلىق بوۋاقلار قولغا ئۇرۇنغان نەرسىنى تۇتالايدۇ. ئەگەر ئويۇنچۇقنى ئۇ ئالالايدىغان يەرگە قويسىڭىز، قولىنى سوزۇپ ئالالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاق بېشىنى تىك تۇتالايدۇ. ئوڭ، سولغا خالغانچە ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئۇنى دۈم ياتقۇزۇپ قويسىڭىز، ئىككى تەرەپكە مىدىراپ، ئۆرۈلەلەيدۇ. بەزى بالىلارنى دۈم ياتقۇزۇپ قويسا ياكى يانتۇ ياتقۇزۇپ قويسا ئوڭدىسىغا بولالايدۇ. ئاز ساندىكى بالىلار ھەتتا بەدىننى ئۆرۈپ، ئوڭدىسىغا ياتقان ھالەتتىن دۈم ياتقان ھالەتكە كېلەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۆت ئايلىق بوۋاقلار يۇقىرى ئاۋازدا كۈلەلەيدۇ. خۇشاللىق، خاپىلىق قاتارلىق چىراي ئىپادىسىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. تۆت ئايلىق بوۋاقلار يەنە ئەينەككە قاراپ كۈلۈمسىرەلەيدۇ.