نېمە ئۈچۈن بېرمودا ئۈچ بۇرجەك رايونى <ھالاكەت ئۈچ بۇرجەك رايون> دەپ ئاتىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدە بېرمودا تاقىم ئاراللىرى، فلورىدا دېڭىزى قولتۇقى ۋە پوئېرتو - رىكو ئاراللىرى قورشاۋىدىكى ئۈچ بۇرجەكلىك دېڭىز رايونى بار، مانا بۇ سىرلىق ھەم ۋەھىمىگە تولغان <بېرمودا ئۈچ بۇرجەك رايونى> دور. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، بىر قانچە يۈز ئايروپىلان ۋە پاراخوت بۇ دېڭىز رايونىدا ئەجەبلىنەرلىك ۋەسىرلىق ھالدا پاچاقلىنىپ ياكى چۆكۈپ كېتىپ مڭلىغان - ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ جەسىتى دېڭىز تېگىدە قالغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ دېڭىز رايونى <ھالاكەت ئۈچ بۇرجەك ريونى> دەپ ئاتالغان.
ئالىملار ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى <ھالاكەت ئۈچ بۇرجەڭ رايونى> نىڭ سىرىنى ئېنىقلىدى. ئەسلىدە بىر قانچە مىليون يىللاردىن بۇيان، بېرمودا ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ دېڭىز تېگىدىكى لاتقىدا نۇرغۇن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقى دۆۋىلىنىپ قالغان، ئۇلار چىرىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئېچىپ كەڭ كۆلەمدىكى تەبىئىي گازلىققا ئايلانغان. مەزكۇر رايوندىكى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىم بىلەن تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا دېڭىز سۈيىدىكى سو مولېكۇلىسى بىلەن تەبىئىي گاز مولېكۇلىسى يۇقىرى بېسىم تەسىرىدە بىرىكىپ مۇزسىمان خىمىيىۋى بىرىكمە ماددىغا ئايلانغان؛ مۇبادا مەزكۇر رايون ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيى بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولسا، بۇ خىمىيىۋى بىرىكمە ماددىلار دەرھال پارچىلىنىپ، نۇرغۇن تەبىئىي گاز قويۇپ بەرگەن. تۆۋەن قاتلامدىكى تەبىئىي گاز تېز سۈرئەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەندە، دېڭىز سۈيى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ھەجىمىنى يوغىنىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن دېڭىز سۈيىنىڭ زىچلىقى تېزدىن كىچىكلىگەن. ئەگەر پاراخوتلار شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالسا دېڭىز سۈيىنىڭ لەيلىتىش كۈچى تۇيۇقسىز ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ دېڭىز خەتىرى يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن تەبىئىي گاز دېڭىز يۈزىگە چىقىپ كەتكەنلىكتىن، ئالاھىدە گاز توپى شەكىللىنىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېننى كۆپلەپ ئازايتىۋەتكەن. مۇبادا ئايروپىلان شۇ جايدىن ئۆتۈپ قالسا، ئاخىرى دېڭىزغا غەرق بولغان. بەزىدەئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىدىن چىققان گازنىڭ تەسىرىدە دېڭىز يۈزىدىكى تەبىئىي گازغا ئوت تۇتىشىپ، ئايروپىلان پاچاقلىنىپ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.