UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشكە بولغان خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشكە بولغان خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە، دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشسا بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە تۇغما غەلىتە تۇغۇش ھادىسىلىرىنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى بولىدىكەن. دېھقانچىلىق دورىلىرى گېننىڭ نورمال كونتروللىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ ياكى ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇغما غەيرىيلىك، تۇغما دۆتلۈك ۋە ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىز بولۇشى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ھامىلىنىڭ يېتىلىشى توختاپ قالىدۇ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇش ياكى ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو يېزىلىرىدىكى بالىلار ئارىسىدا ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىچىدە 50~40% كىچە بالىلارنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش سەۋەبى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق دورىلىرى تەركىبىدىكى خىمىيىۋى دورىلار تەسىرىدىن ئىكەن. دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان خەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە خەتىرىنى ئازايتىش — بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلاردا سۈپەتلىك تۇغۇش ۋە سۈپەتلىك تەربىيىلىنىشىدىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. جۇڭگودا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ تۈرىگە قارىتا ئىشلىتىش مىقدارى، پۈركۈش مەشغۇلات جەريانى، ساقلاش قاتارلىقلاردا قاتتىق بەلگىلىمە بار بولۇپ، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، پۈركۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار خىزمەت كىيىمىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇشى، خىزمەت كىيىمى بىلەن ئۆيگە كىرمەسلىكى كېرەك. ئۆيدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ساقلاش چەكلىنىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن ئۆينى دېزىنفىكسىيە قىلىشقا، قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈشكە، چىۋىن يوقىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ھامىلىدار مەزگىلىدىكى ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدىكى ئاياللار دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن ئۇچراشسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان مېۋە - چېۋىلەر، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن مەلۇم ئارىلىق تاشلاش كېرەك. يېڭىلا دېھقانچىلىق دورىلىرى چېچىلغان مېۋە، كۆكتاتلارنى بازارغا سېلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ. مېۋە يېگەندە چوقۇم شۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ يېيىش، چۈنكى مېۋە پوستىدا دېھقانچىلىق دورىلىرى قېپقالغان بولۇشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قانداق قىلغاندا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيىلەشكە بولغان خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki