قۇياشنىڭ يۈزىدە نېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن گۈرۈچسىمان داغلار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاسترونوملار قۇياشنى كۆزەتكەندە، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە شەكلى گۈرۈچ دانىچىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن داغلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇرلانى <گۈرۈچ توقۇلما> دەپ ئاتىغان. گۈرۈچ توقۇلمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى <گۈرۈچ دانىچىلىرى> ئارىسىدىكى رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 300 نەچچە گرادۇس يۇقىرى، شۇڭا يورۇق <گۈرۈچ دانىچىلىرى> ئارىسىدا بەزى غۇۋا سىزىقلار بار.
بۇ <گۈرۈچ دانىچىلىرى> رەتسىز كۆپ تەرەپلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، دىئامېتىرى 700 - 1800 كىلومېتىر ئارىلىقىدا. مۇشۇنداق چوڭ <گۈرۈچ دانىچىلىرى> قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە يورۇق <گۈرۈچ دانىچىلىرى> قۇياش يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىسسىق گاز ئېقىمى بولۇپ، گاز ئېقىمى تۈۋرۈكلىرىنىڭ چوققىسى دەل بىز كۆرگەن <گۈرۈچ دانىچىلىرى> دىن ئىبارەت. ئىسسىق گاز ئېقىمى بەلگىلىك ئېگىزلىككە ئۆرلىگەندە، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، <گۈرۈچ دانىچىلىرى> ئارىسىدىكى يوچۇقلارنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشىدۇ. مانا بۇ <گۈرۈچ دانىچىلىرى> بىلەن <گۈرۈچ دانىچىلىرى> ئارىسىدىكى غۇۋا سىزىقلاردۇر. قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىرلا ۋاقىتتا تەخمىنەن 4 مىليون تال <گۈرۈچ دانىچىلىرى> مەۋجۇت بولىدۇ. ھەر بىر <گۈرۈچ دانىچىلىرى> نىڭ ئۆمرى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، شەكىللىنىشتىن يوقىلىشقىچە بىر نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، ئايرىمىلىرىنىڭ ئۆمرى 15 مىنۇتقا يېتىدۇ.
قىزىقارلىقى شۇكى، كونا <گۈرۈچ دانىچىلىرى> يوقىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يەنە ئەسلىدىكى ئورۇندا ناھايىتى تېزلا يېڭى <گۈرۈچ دانىچىلىرى> بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۈرۈچ توقۇلما قارىماققا بەئەينى پورۇقلاپ قايناۋاتقان بىر قازان ئۇماچقا ئوخشىشىدۇ.