UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق توسۇۋېلىشقا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق توسۇۋېلىشقا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
<ۋەتەنپەرۋەر> نىڭ <شاتۇر> بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟ ⅩⅩئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا، <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇۇلىدىغان سىنارەد ھاۋا بوشلۇقىدا<شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى كۆپ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ زەربە بېرىپ نىشانغا تېگىش نىسبىتىنىڭ 90 پىرسەنتكە يېتىشى بىلەن داڭق چىقاردى.
<ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد نېمە ئۈچۈن <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى توسۇۋالالايدۇ؟ ئەسلىدە، <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىككىنچى ئەۋلاد يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، ئۇنىڭ گەرچە ۋەيران قىلىش كۈچى ئىنتايىن زور بولسىمۇ، بىراق ناھايىتى <كېلەڭسىز> ئىدى، سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، تەخمىنەن بەش - توققۇز مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن ئاندىن نىشانغا تېگەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ترايېكتورىيە (ئوق يولى) نى بويلاپ ئۇچاتتى، شۇڭا، دۈشمەننىڭ ئالدىن سىگىنال بېرىدىغان ئايروپىلانلىرى نەچچە يۈز كىلومىتېر يىراقتىكى ھاۋا بوشلۇقىدىلا، <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۇچۇش ئەھۋالىنى ناھايىتى ئاسان سېزىۋالالايتتى. ئالدىن سىگنال بېرىدىغان ئايروپىلانلار <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى يەر يۈزىگە يوللاپ بېرەتتى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنىڭ ئۇچۇش ئوربىتىسى تېزلىكتە توغرا ھېسابلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرلار <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا يوللاپ بېرىلەتتى.
<ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تۆتىنچى ئەۋلاد يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، تېزلىكى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ھاۋا بوشلۇقىدا ئاپتۇماتىك ھالدا <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ تاپىدۇ، ئاندىن ئۇچۇش ئوربىتىسىنى تەڭشەپ، <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنىڭ <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. نەتىجىدە، <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تەرىپىدىن ھاۋا بوشلۇقىدا توسۇۋېلىنىشى ھەم پاتىلىتىۋېتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئىككىسى گەرچە بىراقلا تۈگەشسىمۇ، بىراق<ۋەتەنپەرۋەر>ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ <شاتۇر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇۋېلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى يوققا چىقارغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەنىلا بۇ مەيدان ھاۋا ئۇرۇشىدىكى غالىبىيەتچى ھېسابلىنىدۇ.