پىنگىۋىن نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي قۇتۇپقا ماكانلاشقان؟
نېمە ئۈچۈن
جەنۇبىي قۇتۇپ دۇنيا بويىچە ئەڭ سوغۇق جاي. بۇ يەر پۈتۈنلەي قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، توختىماي قار يىغىپ تۇرىدۇ. جەنۇبىي قۇتۇپ دۇنيا بويىچە بىردىنبىر دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەر يوق جاي. بۇ يەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 89 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن. شۇڭا، ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇنداق ناچار مۇھىتتا ياشاشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، پەقەت پىنگۋىنلا قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ ماكاندا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.
جەنۇبىي قۇتۇپتا جەمئىي يەتتە، خىل پىنگۋىن بار. ئەڭ چوڭ پىنگۋىن چوڭ پىنگۋىن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن ئاشىدۇ. پىنگۋىن ئەڭ قەدىمكى سۇ قۇشى بولۇپ، ئۇ ئانتاركتىكا قىتئەسى قار - مۇزغا قاپلىنىشتىن ئىلگىرىلا جەنۇبىي قۇتۇپتا ماكانلاشقان. جەنۇبىي قۇتۇپ گەرچە ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن، پىنگۋىنلار نەچچە مىليون يىللىق بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولغاچقا، پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەر قېلىن قويۇقلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل ئالاھىدە «پەي كىيىم» گە سۇ ئۆتمەيلا قالماستىن، بەلكى نۆلدىن تۆۋەن 100 سېلسىيە گرادۇسقا يېقىن سوغۇقمۇ ئۇنىڭغا ئوڭايلىقچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
جەنۇبىي قۇتۇپتا قۇرۇقلۇق كۆپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ يۈرىدىغان جانلىقلار پىنگۋىننى مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەنۇبىي قۇتۇپتا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى بولمىغاچقا، بۇ پىنگۋىن ئۈچۈن ئىنتايىن بىخەتەر تۇرمۇش مۇھىتى ھېسابلىنىدۇ.
پىنگۋىن ئەسلىدە ئۇچار قۇش بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇزاق مۇددەت ئارقىغا چېكىنىش سەۋەبىدىن، قاناتلىرى بەكلا قىسقىراپ كېتىپ، سېمىز بەدىنى بىلەن ئۇچالمايدىغان بولۇپ قالغان.