ئاپېلىسىن، جۇڭگو ئاپېلىسىنى ۋە ماندارىنلارنىڭ قانداق پەرقш بار؟
نېمە ئۈچۈن
قىش پەلسى مېۋە - چېۋە بازىرىدا ئاپېلىسىنلار مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇلارنىڭ سورتلىرى ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ، مەسىلەن، خۇاڭيەن تانگېرىنى، نەنفېڭ تانگېرىنى، سىچۇەن رەڭدار ئاپېلىسىنى، گۇاڭدۇڭ شىنخۇي ئاپېلىسىنى، بانان ماندارىن، قومۇش ماندارىن قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ دانىسى، شەكلى، پوستىنىڭ رەڭگى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاشسىمۇ، سەللا دىققەت قىلمىسا ھەقىقەتەن پەرقلەندۈرۈش قىيىن! لېكىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالساقلا يەنىلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
ئاپېلىسىنلار ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ پوستى ناھايىتى ئازادە بولۇپ، ئىنتايىن ئاسان سويۇلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پوستى بىر قەدەر سىلىق، خالتىلىق مېۋىسى ناھايىتى چىڭ ئورىلىپ تۇرغان بولۇپ، پوستى ئاسان سويۇلمايدۇ. پوستى ئاسان سويۇلمايدىغان ئاپېلىسىن جۇڭگو ئاپېلىسىنىدۇر. جۇڭگو ئاپېلىسىنى تاتلىق ئاپېلىسىن ۋە ئاچچىق ئاپېلىسىن دەپ ئايرىلىدۇ. ئاچچىق ئاپېلىسىننى يېگىلى بولمايدۇ، ئادەتتە كۆچەت ئۇلىغاندا ئۇلاق ئاستى قىلىنىدۇ. ئاپېلىسىننىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردا سوۋغاتلىق قىلىنغان. ئاپېلىسىنلار يەنە ئۇرۇقى چوڭراق، ئىچىدىكى تۆرەلمىسى ئاق بولۇشتەك بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. كىندىكلىك ئاپېلىسىن، شىنخۇي ئاپېلىسىنى، رەڭدار ئاپېلىسىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەلا سورتلاردۇر.
پوستى ئاسان سويۇلىدىغان بەزى ئاپېلىسىنلار ئازادە پوستلۇق ئاپېلىسىن دېيىلىدۇ. ئازادە پوستلۇق ئاپېلىسىنلارنىڭ پوستى نېپىزرەك، بۇلۇتسىمان قەۋىتى سۇس سارغۇچ رەڭدە، ئىچىدىكى خالتىلىق مېۋىسى بىر قەدەر چوڭ كېلىدۇ، مەسىلەن، چىلگە ئاپېلىسىن، فۇجيەن ئاپېلىسىنى، نەنفېڭ تانگېرىنى قاتارلىقلار.
ماندارىن ئازادە پوستلۇق سىتروس مېۋىلىرى تۈرىگە كىرىدۇ، كۆرۈنۈشى ئازادە پوستلۇق ئاپېلىسىننىڭ سىرتقى شەكلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئادەتتە بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەسرەك. لېكىن، ئىنچىكىلەپ كۆزەتكەندە ماندارىننىڭ پوستى قېلىنراق بولۇپ، ئازادە پوستلۇق ئاپېلىسىننىڭ پوستىغا قارىغاندا تەسرەك سويۇلىدۇ، بۇلۇتسىمان قەۋىتى ئاق كېلىدۇ. بۇ بىلىملەرنى ئىگىلىۋالسىڭىز، ئاپېلىسىن سېتىۋالغاندا ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالايمىز.