نېمە ئۈچۈن ئاق گۈللۈك ماگنولىيە ئاۋۋال ئېچىلىپ ئاندىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئالدى بىلەن يوپۇرماق چىقىرىپ بولۇپ ئاندىن ئېچىلىدۇ. لېكىن يەنە بەزىبىر ئۆسۈملۈكلەر ئالدى بىلەن ئېچىلىپ يوپۇرماق چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىكى ئاق گۈللۈك ماگنولىيە ھېسابلىنىدۇ.
ئاق گۈللۈك ماگنولىيە شاڭخەينىڭ شەھەر گۈلى. ھەر يىلى باش باھاردا ھاۋا بىر ئاز ئىللىشقا باشلىسىمۇ نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەر يەنىلا ئويغانمايدۇ، لېكىن شاڭخەي كوچىلىرىنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئاق گۈللۈك ماگنولىيىلەرنىڭ يالىڭاچ شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاپئاق گۈللەر ئېچىلىپ كېتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ شاخلىرىدا يوپۇرماق بىخلىرى چىقىپ ئارقىدىنلا يوپۇرماقلىرى ئاستا - ئاستا چوڭىيىشقا باشلايدۇ.
ئاق گۈللۈك ماگنولىيىنىڭ ئالدى بىلەن ئېچىلىپ بولۇپ ئاندىن بوپۇرماق چىقىرىشى ئاساسەن ئېچىلىش بىلەن يوپۇرماق چىقىرىشتا زۆرۈر بولغان مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن بولىدۇ. بىر قانچە تال ئاق گۈللۈك ماگنولىيە شېخىنى سۇندۇرۇپ كېلىپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇنىڭ گۈل بىخى بىلەن يوپۇرماق بىخى ۋە شاخ بىخلىرىنىڭ ئايرىم ئۆسىدىغانلىقىنى، گۈل بىخىنىڭ چوڭ بولۇپ، شاخلارنىڭ ئۇچىدا بولىدىغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇنى قىش كۈنلىرىمۇ شاخلىرىدا كۆرگىلى بولىدۇ. ئاق گۈللۈك ماگنولىيە قىش پەسلى ئۇيقۇ ھالىتىدە تۇرىدۇ، لېكىن ئەتىياز كىرگەندە ھاۋا بىر ئاز ئىللىشقا باشلايدۇ. گۈل بىخىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىت تېمپېراتۇرىسى يوپۇرماق بىخىنىڭ بىخ سۈرۈشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېمپېراتۇرىدىن تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاق گۈللۈك ماگنولىيىنىڭ ئاۋۋال گۈلى ئېچىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئالدى بىلەن گۈل ئېچىلىپ ئارقىدىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، يەسىمەن گۈلى، چىللىگۈل قاتارلىقلار. قىش كېتىپ ھاۋا ئەمدىلا ئىللىشقا باشلىغاندا يەسىمەن گۈلىنىڭ تومپىيىپ چىققان سېرىق ۋە يۇمران گۈللىرى خۇددى كىشىلەرگە ئەتىيازنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى دوكلات قىلىۋاتقاندەك تەسىرات بەرگەچكە، يەنە ئۇ <ئەتىياز كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىش گۈلى> دەپ ئاتالغان. قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە ھەممە مەۋجۇداتلار. خازان بولغان ۋاقىتتا، پەقەت چىللىگۈللا قار - مۇزلار ئىچىدە مەغرۇر ئېچىلىپ، تاغ - دالىلارغا خۇش پۇراق چاچىدۇ.