نېمە ئۈچۈن سۈپەتلىك تۇغۇتنى تەشەببۇس قىلىمىز؟
نېمە ئۈچۈن
ھەربىر ئاتا - ئانا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، قانداق بالا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بالا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە، تېنى ساغلام، ئەقلىي قابىلىيىتى كامالەتكە يەتكەن، جەمئىيەتكە ياخشى ماسلىشالىغان بالا.
بۇ يالغۇز بىر ئۆينىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بىر دۆلەتنىڭ مىللەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نوپۇس سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىلمۇخىل ئامىللار ئىچىدە ئىرسىيەت ۋە تۇغما ئامىل ئىنتايىن مۇھىم. بىر ھاياتلىقنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ئەلۋەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى مۇھىتنىڭ تەسىرى، بەدەن چېنىقتۇرۇشى، مەدەنىيەت تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى تۇغما (تەبىئىي) ئامىل. تۇغما گومۇش تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش مۇھىتى، ئالغان تەربىيىسى قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى نورمال بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسىگە يېتىپ بارالىشى ناتايىن. <پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بالا> دېيىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇنداق بالىلار كىشىنى قاتتىق ئۆكۈندۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بەدىنىنىمۇ ئۆرىيەلمەيدۇ. جۇڭگودا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى [SX(]1[]500[SX)]، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى يەنە 2% يېڭى تۇغۇلغان بالىلار تۇغما غەلىتە تۇغۇلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى غەلىتە بولۇپ قېلىپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر يەتكەنلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك ساغلام، ئەقىللىق بالا تۇغماقچى بولسىڭىز، <سۈپەتلىك تۇغۇت بىلىملىرى> نى ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ.