UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

ۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىشنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بار؟

نېمە ئۈچۈن ۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىشنىڭ كېسەللىنىش مېخانىزمى ئاساسلىقى، كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن D كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى كالتسىيلىق قان كېسىلىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىشى، ئۇلاپلا كالتسىي تۇزىنىڭ ھەرقايسى ئەزا توقۇلمىلىرىدا چۆكۈپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېسەللەندۈرىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ئاساسلىقى ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، چارچاش، تىت - تىت بولۇش، تۆۋەن قىزىتما، ئىچ سۈرۈش، جاھىل خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئېغىر بولغاندا تارتىشىش، باش ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، پات - پات ئۇسساش، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ، ھەمدە نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش، بەدەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىش قاتارلىق كېسەللەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن D نى ئىچۈرگەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش، ئۇزۇن مەزگىل، كۆپ مىقداردا ۋىتامىن D نى قوبۇل قىلغان بالىلارغا نىسبەتەن بۇ كېسەلدىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە