يېڭى يۇلتۇز يېڭىدىن پەيدا بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قەدىمكى چاغلاردا، كىشىلەر ئاسماندا بەزىدە بىرەر يورۇق يۇلتۇز پەيدا بولغانلىقىنى بايقاپ قالسا، بىر يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز پەيدا بولغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ، ئۇلارنى يېڭى يۇلتۇز دەپ ئاتاشقان.
ئەمەلىيەتتە، يېڭى يۇلتۇز ئەسلىدىنلا بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ بەك خىرە بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى بايقىيالماي كەلگەن، خالاس. بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇز توساتتىن پارتلىغاندا، سىرتقا نۇرغۇن گاز تارقىتىدۇ، ھەجىمىمۇ بىردىنلا بىر قانچە مىڭ ھەسسە يوغىناپ، يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ تۇيۇقسىزلا نەچچە مىڭ ھەسسە، ھەتتا بىر نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ئاشىدۇ، مانا مۇشۇ چاغدىلا كىشىلەر ئاسماندا بىر يورۇق يۇلتۇز پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ. يېڭى يۇلتۇز تارقاتقان گازلار بارا - بارا تۈگەپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ، ئادەتتە بىر نەچچە ئايدىن بىر يىل ئەتراپىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، يېڭى يۇلتۇز ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن غايىب بولىدۇ.
يېڭى يۇلتۇز بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز دېگىنىمىز پۈتۈنلەي باشقا - باشقا ئىككى ئىش. يېڭى يۇلتۇز پارتلىغاندا، تۇرغۇن يۇلتۇز پەقەت مىڭدىن بىر ئۈلۈش ماسسىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھەرگىزمۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماماتلىق كۈنى يېتىپ كەلمەيدۇ. ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلىغاندا بولسا ئۇ ناھايىتى شىددەتلىك پارتلاپ، پۈتكۈل تۇرغۇن يۇلتۇزدىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ - دە، تۇرغۇن يۇلتۇز داغدۇغىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ شانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. تارىختىن بۇيان، سامانيولى سىستېمىسدا بارلىققا كەلگەن، ئىسپاتلانغان ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز جەمئىي ئالتە دانە. ۋەھالەنكى يېڭى يۇلتۇزنى بايقاش ھېچقانداق ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. چۈنكى سامانيولى سىستېمىسىدا بىر يىلدا بەزىدە نەچچە ئون مىڭ دانە يېڭى يۇلتۇزنى بايقاشقا بولىدۇ.