نېمە ئۈچۈن نېپتوننى ماتېماتىكا ئالىملىرى بايقىغان دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن
1781 - يىلى ئەنگىلىيىلىك ئاسترونومىيە ئالىمى ۋىليام گېرشېل ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسىدىكى يەتتىنچى چوڭ سەييارە - ئۇراننى بايقايدۇ. ئۇراننىڭ بايقىلىشى قەدىمىي قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىنى خىرىسقا ئۇچرىتىدۇ، بىر مەھەل ئۇراننى كۆزىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.
كىشىلەر ئۇراننى كۆزەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىغا ئاساسەن ھېسابلاپ چىقىلغان ئوربىتىنى ئوبدان بويلاپ ئايلانماي، ھەمىشە <تاپتىن چىققان> ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يۈرەكلىك ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر تەسەۋۋۇر ئاسترونوملارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ: ئۇراننىڭ سىرتىدا يەنە بىر سەيياردە بارمۇ، قانداق؟ دەل مۇشۇ سىرلىق <كۆرۈنمەس ئەزىمەت> ئۇراننىڭ ئوربىتىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ سەييارە ئۇراندىنمۇ يىراقتا، يورۇقلۇق دەرىجىسى بەكمۇ ئاجىز بولغاچقا، ئاسترونوملارنىڭ چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن ئۇنى تاپماقچى بولۇشى خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، ئىككى نەپەر ياش ماتېماتىكا ئالىمى باشقىچە يول تۇتۇپ، چوڭ تىپتىكى ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپتىن پايدىلانماي، بەلكى قەلەم بىلەن قەغەزدىن پايدىلىنىپ، نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچىگە ئاساسەن، تېخى مەلۇم بولمىغان بۇ سەييارىنىڭ ئورنىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەنگىلىيىلىك ئادامىس بىلەن فرانسىيىلىك لىۋېيىدىن ئىبارەت.
گېرمانىيىلىك ئاسترونومىيىە ئالىمى گاللېي تېلېسكوپنى بۇ ئىككى ماتېماتىكا ئالىمى ھېسابلاپ چىققان ئاسماندىكى ئورۇنغا توغرىلاپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ يېڭى سەييارە - نېپتوننى بايقايدۇ. نېپتوننىڭ بايقىلىشى كېپلېر قانۇنى ۋە نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنىڭ توغرىلىقىنى كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.