UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئون ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

ئون ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بېقىلىشىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئون ئايلىق بوۋاقلار ناھايىتى تېزلا ئەمچەكتىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، ئەتىگەن، چۈشتە، كەچتە قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش. قوشۇمچە يېمەكلىكتە يەنىلا شوۋىگۈرۈچ، يۇمشاق چۆپ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش لېكىن ئۇلار ئىچىگە ئۇششاق گۆش، بېلىق گۆشى پارچىلىرى، چانالغان كۆكتات، ياڭيۇ، سەۋزە قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىش، مىقدارىنى ئۆتكەن ئايدىكىدىن كۆپەيتىش كېرەك. بۇ ۋاقىت دەل بوۋاقلارنىڭ چوڭلارنىڭ ھەرىكىتىنى دورايدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ۋاقتى بولۇپ، بوۋاق چوڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېسە، يۇمشاقراق، سۇيۇقراق تاماقلارنى مۇۋاپىق قوشۇپ يېگۈزۈپ قويسا بولىدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقتا ياخشى بولغان تاماق يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى، كېلەركى قەدەمدىكى ئەمچەكتىن ئايرىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئون ئايلىق بوۋاقلارغا ئانا سۈتىنى ئېمىتىش قېتىم سانىنى ئەتىگەندە، كەچتە بىر قېتىمدىنلا ئېمىتىشكە قىسقارتىش. ھەرگىزمۇ بوۋاقنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئېمىتىش قېتىم سانىنى ئاشۇرماسلىق، بولمىسا بوۋاقتا ئانا سۈتىگە بېقىنىۋېلىش پسىخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىشكە پايدىسىز بولۇپلا قالماي يەنە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ۋە بەدىنىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ پايدىسىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە