سىزدە ئانا بولۇش توغرىسىدا پسىخىكا تەييارلىق بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بالىغا قاتتىق ئىنتىزار بولغان ئانىلار بوشانغان مەزگىلدە بالىغا نىسبەتەن چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببەت پەيدا بولىدىكەن. بالىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بالا بىلەن داۋاملىق ھېسسىيات ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاقىلىشىپ تۇرغاچقا، بالىغا بولغان مېھرى - مۇھەببىتىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. ئەكسىچە، ھامىلىدارلىقنى پەۋقۇلئاددە ئىش دەپ قاراپ، پاسسىپ پوزىتسىيىدە تۇرىدىغان ئانىلاردا بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندىمۇ بالىغا نىسبەتەن كۆپ مېھرى - مۇھەببەت شەكىللەنمەيدۇ. كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئانىلىق مېھرى - مۇھەببەتمۇ ئاستا - ئاستا پەيدا بولىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. بىراق بالا تۇغۇلۇشى بىلەنلا چوڭقۇر ئانىلىق مېھرى پەيدا بولىدىغان ئانىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرق ناھايىتى چوڭ، بۇ خىل پەرقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەب ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھامىلىگە بولغان پوزىتسىيىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ئىبارەت. ئاياللاردا ئانا بولۇش تەييارلىقى بولسا، ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلگەندە ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ۋە بالىنىڭ تۇغۇلۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولىدۇ ھەم ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا مۇۋاپىق بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ھامىلىدارلىق مەزگىلدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە بوشانغان ۋاقىتتىكى ماسلىشىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ھامىلە ساغلام يېتىلىدۇ ھەم ئوڭۇشلۇق تۇغۇلىدۇ، ئەكسىچە پسىخىكا جەھەتتە ئانا بولۇش تەييارلىقى بولمىغان ئاياللاردا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كەيپىياتى پاسسىپ، تۇراقسىز بولىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ كەيپىيات نېرۋا سىستېما پائالىيىتىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ھەم ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان جانلىقلاردىكى ئاكتىپ ماددىلار قان ئارقىلىق بالا ھەمراھىغا ئۆتۈپ، كىندىك ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىسىز تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بالىغا كۆيۈنۈش، ياخشى كۆرۈش قاتارلىق پسىخىك تەييارلىقنى تۇرغۇزۇپ، بالىنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كۈتۈۋېلىش، ئىدىيە جەھەتتە ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا يەنى ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە ياخشى كەيپىيات مۇھىتىنى ساقلاپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ماسلاشماسلىقنى يېڭىپ، ھامىلىنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. ئانىلىق مۇھەببەتنى ئىمكانقەدەر بالدۇرراق تۇرغۇزۇپ، ھامىلە، بوۋاق ۋە بالىنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.