نېمە ئۈچۈن ھىندىستاندىكى گانگ دەرياسىنىڭ سۈيى <مۇقەددەس سۇ> دەپ قارىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
گانگ دەرياسى ھىندىستاندىكى بىرىنچى چوڭ دەريا، ئۇ ھىمالايا تېغىدىن باشلىنىپ، گانگ تۈزلەڭلىكىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى بېنگال قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ. ھىندىستاندىكى ئىخلاسمەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى گانگ دەرياسىنى <مۇقەددەس دەريا> دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ھىندى دىنىي مۇرىتى دېگۈدەك گانگ دەرياسىغا بېرىپ يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئېيتىلىشىچە، ئۇ كېسەلدىن خالاس قىلىپ، بالايىئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە گانگ دەرياسىدا يۇيۇنىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ سۇنىڭ سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ كېسەل يۇقتۇرۇۋالغانلار چىقمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، دېڭىزچىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، پاراخوتلاردا ساقلانغان گانگ دەرياسى سۈيى بىر قانچە ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتسىمۇ يەنىلا سۈپىتى ئۆزگەرمەي يېڭى پېتى تۇرىدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قىلىدىغىنى شۇكى، كىشىلەر تەركىبىدە بەزگەك ۋە خولېرا كېسەللىكلىرىنىڭ باكتېرىيىسى بار سۇيۇقلۇققا گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئازراق قوشۇۋەتسە، بىر قانچە كۈندىن كېيىن، باكتېرىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەن.
ئالىملار گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق گانگ دەرياسى سۈيىدە بىر خىل رادىئوئاكتىپلىق مىنېرال ماددا ئۇران 28 نىڭ يىمىرىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان بىسمۇت - 214 بارلىقىنى بايقىغان. بۇنداق ماددا ئاجايىپ خىسلەتكە ئىگە بولۇپ، دەريا سۈيىدىكى تىرىك باكتېرىيىلەرنى يۈزدە يۈز پىرسەنت دېگۈدەك ئۆلتۈرۈۋېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، گانگ دەرياسى سۈيىدە يەنە ئادەتتىكى دەريا - ئېقىنلاردا بولمايدىغان باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە ۋە بەزى ئېغىر مېتاللارنىڭ بىرىكمىلىرى بار ئىكەن، بۇ ماددىلارمۇ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. گانگ دەرياسىنىڭ سۈيى مۇشۇ بىر قانچە جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئارقىلىق بىر خىل ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان، شۇڭا ئۇ ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن بىر خىل <مۇقەددەس سۇ> دەپ قارالغان.