UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلار نېمە ئۈچۈن سىنك تولۇقلاشقا موھتاج؟

بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن سىنك تولۇقلاشقا موھتاج؟

نېمە ئۈچۈن سىنك ئادەم بەدىنىدە زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى، ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا نىسبەتەن كۆپ خىل مۇھىم رول ئۆتەيدۇ. سىنك بەدەندىكى 09 خىلدىن ئارتۇق ئېنزىمنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدۇ، 020 خىلدىن ئارتۇق ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ سىنك ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشى، ئۆسۈشى ۋە قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا قاتنىشىدۇ؛ سىنك يەنە سىنكلىق ئاقسىل ئارقىلىق تەم سەزگۈسى ۋە ئىشتىھاغا نىسبەتەن رول ئويناپ، شۇ ئارقىلىق ئىشتىھانى ئاچىدۇ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا سىنك مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېگۈزگەندە، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. بوۋاقلارغا سىنك تولۇقلاشنىڭ سەۋەبى، بوۋاقلار دەل ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى مەزگىلىدە بولغاچقا، سىنككە بولغان ئېھتىياجلىق مىقدارى كۆپرەك، لېكىن بوۋاقنىڭ مېتابولىزمى بەك راۋاجلانغان بولۇپ، كۆپرەك تەرلەيدۇ، كۆپ مىقداردىكى سىنك تەردە ئېقىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا سىنك تولۇقلىمىغاندا، بوۋاق سىنك كەمچىلىككىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش، تەم سەزگۈسى ئاجىزلاش ھەتتا يوقۇلۇش، نامازشام قارىغۇسى، تېرە يارىلانغاندا ياخشى ساقايماسلىق، ئاسان يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن سىنك تولۇقلاشقا موھتاج؟ | UyghurWiki | UyghurWiki