UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش بىلىمىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش بىلىمىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ساغلاملىق ئىلمىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ ئاتا - ئانىلار بوۋاققا كالتسىي تولۇقلاش كېرەكلىكىنى بارا - بارا تونۇپ يەتتى. لېكىن كونكرېت قانچىلىك تولۇقلىغاندا نىسبەتەن مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ھازىرچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوۋاققا كالتسىينىڭ تولۇقلىنىش مىقدارىدا <جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ غىزادىن قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇقىنىڭ پايدىلىنىش مىقدارى> (2000 - يىلى نەشرى) تەمىنلىگەن بوۋاقلارنىڭ كالتسىينى كۈندە مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش مىقدارى بويىچە ھېسابلاۋاتىدۇ. كۆرسىتىپ بېرىشكە تېگىشلىكى، جەدۋەلدە دېيىلگەن مۇۋاپىق قوبۇل قىلىش مىقدارى دېگىنى، بوۋاقنىڭ بىر كۈندىكى ئېھتىياجى بويىچە قوبۇل قىلىدىغان كالتسىي ماددىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى. بىراق كالتسىيلىق دورىلار بىلەن كالتسىي تولۇقلىغاندا بوۋاقنىڭ يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان كالتسىي ماددىسىنى چىقىرىۋېتىش، بوۋاقنىڭ كونكرېت تولۇقلىنىدىغان كالتسىي مىقدارى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارغا كالتسىي تولۇقلاش بىلىمىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki