UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېر كىنودىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى قانداق ئىشلەيدۇ؟

كومپيۇتېر كىنودىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى قانداق ئىشلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سىز ئىلمىي فانتازىيىلىك فىلىم <يۇرا دەۋرىدىكى باغچە> نى كۆرگەنمۇ؟ بۇ فىلىمدە كومپيۇتېر <ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون> تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، 60 مىليون يىل ئاۋۋالىقى قەدىمكى دىنوزاۋرلارنى <تىرىلدۈرۈپ>، ئۇلارنى ھەقىقىي دىنوزاۋرلارغا ئايلاندۇرغان. ئۇنداقتا، بۇنداق ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر قانداق ئىشلىنىدۇ؟ ئالاھىدە كۆرۈنۈش لايىھىلىگۈچىلەر بىرمۇنچە دىنوزاۋر مودېللىرىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدۇ. كومپيۇتېر جانلىقلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەقلىد قىلىپ، دىنوزاۋرلارنىڭ نەچچە مىڭ خىل ھالىتىنى ئالماشتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇنداق قىلىپ دىنوزاۋر مودېللىرى <تىرىلىدۇ>. ئاندىن كېيىن تېلېكامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان ھەقىقىي مەنزىرە، مەسىلەن، ئورمانلىق، ئوتلاق قاتارلىقلارنى كومپيۇتېر دىنوزاۋرنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلار ھەقىقىي دىنوزاۋرلارنى كۆرەلەيدۇ. كومپيۇتېر يەنە <مەۋھۈم ھەقىقىي كۆرۈنۈش> شەكىللەندۈرۈشتەك ئالاھىدە ماھارەتكە ئىگە. مەسىلەن، كىنودا نەچچە 10 مىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىشتا، نەچچە ئون مىڭ ئارتىس تېپىش ھاجەتسىز، بۇنىڭغا 100 نەچچە ئادەم بولسىلا كۇپايە. كومپيۇتېر بۇ 100 نەچچە ئارتىسنى قايتا - قايتا كوپىيىلەپ، ئوبرازلارنىڭ كىيىم - كېچىكىنى ۋە ھەرىكىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، 100 نەچچە ئادەمنى نەچچە ئون مىڭ ئادەمگە <ئايلاندۇرىدۇ>، شۇنىڭ بىلەن غايەت زور ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
كومپيۇتېر كىنودىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى قانداق ئىشلەيدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki