ماشىنا ئادەم كېسەل بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەملەر كېسەل بولغانغا ئوخشاش، ماشىنا ئادەملەرمۇ <كېسەل بولۇپ قالىدۇ>.
ماشىنا ئادەملەرگە كومپيۇتېر ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ تېنىدە نۇرغۇن مۇرەككەپ ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ۋە زاپچاسلار بار. ئۇلار پۈتۈن ماشىنا ئادەمنىڭ كونترول ۋە ھەرىكەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەگەر، ئۇنىڭ تېنىدىكى نازۇك ئېلېكتر زاپچاسلىرى ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ قالسا، پۈتكۈل سىستېمىدا كاشىلا پەيدا بولىدۇ.
ماشىنا ئادەم بىر قانچە يىل خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى قىسمىدىكى مېخانىك سىستېمىلا بارا - بارا ئۇپراپ ۋە كونىراپ كېتىش نەتىجىسىدىمۇ كېسەل بولۇپ، نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ. ماشىنا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى - كومپيۇتېر سىستېمىسى تاشقى تەسىرىگە تولىمۇ سەزگۈر بولۇپ، ئەگەر ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرسە ياكى ئۇ <كۈتۈلمىگەن ھادىسە> لەرگە يولۇقۇپ قالسا، يەنىلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، بىر قېتىم، مەلۇم زاۋۇتنىڭ ماشىنا ئادىمى يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئويۇنچۇقخانىدىن تارقالغان ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراپ، قوللىرى بىردىنلا كالانپايلىشىپ كەتكەن.
ماشىنا ئادەم <كېسەل بولۇپ قالسا> مەشغۇلاتچى خادىم دەرھال توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىشى ھەمدە ۋاقتىدا رېمونت قىلىشى لازىم. كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماشىنا ئادەملەرنى قەرەللىك <تەكشۈرۈش>، قەرەللىك رېمونت قىلىش ھەمدە تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىنىڭ كاشىلىسى ياكى كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ماشىنا ئادمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر <ئۆزىدىكى كاشىلىغا دىئاگنوز قويۇش> ۋە ئۆزىنىڭ <كېسىلىنى كۆرۈش> ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئۇ <مىجەزى> يوقلۇقىنى <سەزگەن> ھامان، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە خىزمەتچى خادىملارغا <دوكلات قىلىدۇ>.