UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن پەقەت كالتسىي تابلېكتىسى يېگەنـگە راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلىبولمايدۇ دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن پەقەت كالتسىي تابلېكتىسى يېگەنـگە راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلىبولمايدۇ دېيىلىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەمنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشى پەقەت ئۈچەي يولىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈچەي يولىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشى بولسا چوقۇم ۋىتامىن D نىڭ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەم ۋىتامىن D نى يېگەندىن كېيىن جىگەر، بۆرەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى بىلەن ئاكتىپ ھالدىكى ۋىتامىن D غا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئۈچەي يولى كالتسىي، فوسفورنى سۈمۈرۈپ، قانغا ئۆتىدۇ. ۋىتامىن D نىڭ يەنە قاندىكى كالتسىينىڭ نورمال قويۇقلۇقىنى ساقلاشقا ياردىمى بار ھەم كالتسىي، فوسفورنى سۆڭەككە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇڭا پەقەت كالتسىي تابلېتكىسىنى يەپ ۋىتامىن D نى يېمىگەندە راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.