UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قويۇۋەتمەي تۇرۇۋالىدىغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قويۇۋەتمەي تۇرۇۋالىدىغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بالىلار ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ، قويۇۋېتىشنى خالىمايدۇ. بەلكىم ئانىلار بۇنى بالىنىڭ ئانىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە بالا بىلەن ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ كونكرېت ئىپادىسى دەپ ھېس قىلىشىمۇ مۇمكىن، بىراق بۇ ئانىنىڭ ئەڭ ئازابلىنىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرى. ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىۋېلىش بىرخىل تەبىئىي ئىنكاس بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى بالىلار چىشى يوق ۋاقىتتىن باشلاپ، ئەمچەك توپچىسىنى چىشلەشكە باشلايدۇ. ئەگەر بالا يۇتمىغاندا، ئەمچەك توپچىسى ئاغرىمىسا، بالا چىشلىۋالسىمۇ بولىدۇ. بىراق چىشلەپ ئاغرىتىۋەتسە، ئانا دەرھال تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. پاكىز بارمىقىنى بالىنىڭ ئېغىزىغا تىقىپ، ئەمچەكتىن ئاستا ئايرىش ۋە باشقا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى چىشلىشىنى توسۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە