ئوپتىك تالالىق ئالاقە قانداق ئىش؟
نېمە ئۈچۈن
رادىئو ئىستانىسىسى، يان تېلېفون قاتارلىقلار رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىدۇ. ئەگەر يورۇقلۇق دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئوپتىك تالادا ئۇچۇر تارقىتىلسا، <ئوپتىك تالالىق ئالاقە> دەپ ئاتىلىدۇ. ئوپتىك تالانىڭ تولۇق نامى يورۇقلۇق باشلىغۇچ تالا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىلدىنمۇ ئىنچىكە ئەينەك تالادىن تۈزۈلگەن، سىرتى سۇلياۋ بىلەن قاپلانغان. ئوپتىك تالالىق ئالاقىدە، ئاۋاز ۋە رەسىم ئۇچۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلېكتر سىگنالى كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ماس ھالدا ئۆزگىرىدىغان يورۇقلۇق سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، تالا ئارقىلىق يىراقلارغا يوللىنىلىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ قوبۇللىغۇچى ئاۋاز، يېزىق ۋە سۈرەت سىگناللىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يىراق جايلاردىمۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، سۈرەتلەرنى كۆرەلەيدۇ.
ئوپتىك تالالىق ئالاقىنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇپ، بىر تال تالا بىر نەچچە سېكۇنتتىلا بىر يۈرۈش بۈيۈك برىتانىيە قامۇسىدىكى ئۇچۇرلارنى يوللىيالايدۇ. ئۇنىڭ سىغىمىنىڭ چوڭلۇقىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىر تال ئوپتىك تالا ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا نەچچە ئون مىڭ تېلېفون ياكى نەچچە مىڭ يۈرۈش تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى يوللىغىلى بولىدۇ.
ئەمەلىي قوللىنىشتا، كىشىلەر نۇرغۇن ئوپتىك تالانى چاچ ئۆزگەندەك بىرلەشتۈرۈپ ئوپتىكىلىق كابېل ياساپ چىقىدۇ ۋە ئۇنى يەرگە ياكى دېڭىز ئاستىغا كۆمىدۇ. ئوپتىكىلىق كابېل يېنىك، ھەجىمى كىچىك، چىداملىق، يوللاش مۇساپىسى ئۇزۇن، ئاسان كاشىلىغا ئۇچرىماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھازىر نۇرغۇن دۆلەتتە ئوخشاش بولمىغان كۆلەمدىكى ئوپتىكىلىق كابېللىق ئالاقە تورى قۇرۇلدى. ئوپتىك تالالىق ئالاقە ھەر قايسى ساھەدە زور رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.