UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن لاتقا - شېغىل ئېقىمى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لاتقا - شېغىل ئېقىمى پەيدا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لاتقا - شېغىل ئېقىمى بىر خىل تەبىئىي ئاپەت. لاتقا - شېغىل ئېقىمى پەيدا بولغاندا، كەلكۈن تەركىبىدە نۇرغۇن لاتقا - شېغىل، قۇم - تاشلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى لاتقا سۈيى ياكى قار - مۇز ئېرىمىسى قاتارلىقلارمۇ ئارىلىشىپ كېلىدۇ، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر خىل شىلىمشىق پاتقاقنى ھاسىل قىلىدۇ - دە، خۇددى تىزگىنسىز ياۋا ئاتتەك شىددەت بىلەن ئويمانغا قاراپ ئاقىدۇ، لاتقا - شېغىل ئېقىپ بارغان يەردىكى مۇنبەت ئېتىزلار قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۆيلەر كاردىن چىقىدۇ، يول - كۆۋرۈكلەر ۋەيران بولىدۇ، ئىسنانلارنىڭ ھاياتى، مال -مۈلكىگە ئىنتايىن زور زىيان سالىدۇ. ستاتىستىكىلىق مەلۇتلارغا قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 100 مىڭ قېتىمغا يېقىن چوڭ - كىچىك لاتقا - شېغىل ئېقىمى ئاپىتى يۈز بېرىدىكەن. 1970 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پېرو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاندېس تاغ تىزمىلىرىدا مۇزلۇق لاتقا - شېغىل ئېقىمى يۈز بېرىپ 30 مىليون 100 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدىغان قار - مۇز، لاتقا - شېغىللار روگايى دېگەن بىر بازارغا بېسىپ كىرىپ، بىردەمدىلا پۈتۈن بازارنى كۆمۈۋەتكەن. 30 مىڭ ئاھالىنىڭ ھەممىسى بالا - قازاغا ئۇچرىغان. لاتقا - شېغىل ئېقىمى تاغ گەۋدىسى بوشىشىپ تەۋرىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، يېرىم قۇرغاق رايونلاردا ياكى ئېگىز مۇزلۇق رايونلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشىدە يانتۇلۇقى تىكرەك بولسا شۇنداقلا دەل - دەرەخ - يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ئاز بولسا، مۇبادا قاتتىق يامغۇر ياغقان ياكى مۇزلۇقلار ئېرىگەن چاغدا تاشلار سۇنى سۈمۈرۈۋالىدۇ - دە، تاغ بوشىشىپ تەۋرىنىپ ئويمانغا قاراپ كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ قىستىلىشىغا، سوقۇلۇشىغا ئەگىشىپ، چوڭ - كىچىك لاتقا - شېغىللار لاي سۇغا ئارىلىشىپ، غايەت زور كەلگۈنگە ئايلىنىپ گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن لاتقا - شېغىل ئېقىمى پەيدا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن لاتقا - شېغىل ئېقىمى پەيدا بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki