UyghurWiki
UyghurWikiنەمەفىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش بىلەن پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش بىلەن پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

نېمە ئۈچۈن تەخمىنەن ئاي - كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 60% دە، ئاي - كۈنى توشمىغانلارنىڭ بوۋاقلارنىڭ 80% ىدە فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق [HJ65x] چۈشۈش يۈز بېرىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈش ئادەتتە تۇغۇلۇپ 2 ~ 5 كۈندە كۆرۈلۈپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى سۇس سېرىق رەڭدە، سۈت ئېمىشى نورمال، روھىي ھالىتى ياخشى، يىغا ئاۋازى، ئۇيقۇسى، ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىشى نورمال بولىدۇ. ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقلاردا 14 كۈن ئىچىدە يېنىپ كېتىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ، تۇغۇلۇپ ئۈچ ~ تۆت ھەپتىدە يېنىشى مۇمكىن. پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئادەتتىكى ئىپادىسى: سېرىقلىق چۈشۈش تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. سېرىقلىق چۈشۈشىڭ دەرىجىسى ئېغىرراق، يەنى پۈتۈن بەدەننىڭ تېرىسى كۆرۈنەرلىك سېرىق رەڭدە بويىلىپ ئالتۇن رەڭ ياكى ئاپلېسىن رەڭدە، كۆز ئېقى سېرىق رەڭدە بولىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى كۆرۈنەرلىك ساغىرىدۇ. بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى ئاق رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، سېرىقلىقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن (ئاي - كۈنى توشقان بوۋاقنىڭ ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق تۆت ھەپتىدىن ئارتۇق). سېرىقلىق چۈشۈش يېنىكلىگەن ياكى يانغاندىن كېيىن قايتىدىن ئېغىرلايدۇ ياكى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىپادىلەرنىڭ ھەر قانداق بىرى كۆرۈلسە، بۇ پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشكە تەۋە بولۇپ، تېزلىك بىلەن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە