UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارغا ئۆزى تاماق يېيىشنى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىش كېرەك؟

بالىلارغا ئۆزى تاماق يېيىشنى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆگىتىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تاماق يېيىش — مۇسكۇل، نۇرغۇنلىغان بوغۇملار قاتنىشىدىغان ۋە بۇلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولغان پائالىيەت. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بۇ خىل ۋەزىپىنى ناھايىتى تەستە ئورۇنلايدۇ، بالىلار تەخمىنەن بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، قوشۇق بىلەن تاماق يېيەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارغا ئىمكانقەدەر تاماقنى ئۆزى يېيىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇستەقىللىق روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تاماق يېيىشنى ئۆگەتكەن ۋاقىتتا، تاماقنىڭ ھەممىسىنى بالا ئۆزى يېمەسلىك، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخى تولۇق ماسلاشمىغان بولۇپ، تاماق يېگەندە تاماقنى ھەر تەرەپكە چېچىۋېتىدۇ - دە، ئۆزى يەيدىغىنى ئاز بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ يېتىلىش مەزگىلىدىكى تەلەپنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا - ئانىلار ئاز بىر قىسىم تاماقنى كىچىك قاچىغا سېلىپ، بالىنىڭ ئۆزى يېيىشىگە بېرىشى، كۆپ قىسىم تاماقنى ئۆزى يېگۈزۈپ قويۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تاماقنى ئۆزى يېيىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرغىلى ھەم ئۇنىڭ تاماق يېيىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بالىلار ئۆزى تاماق يېيىشنى مەشىق قىلدۇرغاندا، بالىلارغا ئۆزى تاماق يېيىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. بالىلار سەل چوڭ بولغاندا، ئىمكانقەدەر چوڭلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى ھەم بالىلارغا ياخشى بىر تاماقلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ، ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكنى كۆپرەك يېيىشكە قىزىقتۇرۇش. ھەرگىزمۇ قورقۇتۇش ۋە ئەيىبلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تاماقنى ئۆزى يېيىش ئادىتىنى پەيدا قىلماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە