قىزىغاندا نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ ئىشتىھاسى ناچار بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلار قىزىپ قالغاندا، تىلنىڭ ئۈستىگە قېلىن بىر قەۋەت گەز باغلاپ، تىلنىڭ تاماق تەمىنى ھېس قىلىدىغان تەم سەزگۈسىنى يېپىۋېلىپ، بوۋاقلار تاماقنىڭ تەمىنى ئىنتايىن تەستە ھېس قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىشتىھاسى ناچارلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە قىزىپ قالغاندا ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىمۇ ئاجىزلاپ، ھەزىم قىلىش ئېنزىمى، ئاشقازان كىسلاتاسى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىمۇ ماس ھالدا ئازلايدۇ. بۇنداقتا تاماقنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ، بوۋاق قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلماي تاماققا ئىشتىھاسى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئاغرىپ قالغاندا بوۋاقنىڭ ھەرىكىتى ئادەتتىكىدىن كۆپ ئازلاپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئىشتىھاسى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇڭا بالىلار قىزىپ قالغاندا ئاتا - ئانا ئۇلارغا گۆش، تۇخۇم قاتارلىق گۆشلۈك تاماقلارنى تەييارلىماي، كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ، كۆپرەك يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى يېگۈزۈپ بېرىشى كېرەك.