UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار ۋېلىسپىت مىنگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

بالىلار ۋېلىسپىت مىنگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاتا - ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن خىلمۇخىل بالىلار ۋېلىسپىتلىرىنى سېتىۋالىدىغان بولدى. ۋېلىسپىت مىنگەندە بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسىنى چېنىقتۇرۇپ، مۇسكۇللارنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇستىخان ۋە مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىراق، بالىلارنىڭ ئۇستىخىنى ئەۋرىشىم، مۇسكۇللىرى ئاجىز بولۇپ، ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان بالىلار ۋېلىسپىتلىرىنىڭ پېدالىنىڭ ئارىلىقى كەڭ، ئېگەر بىلەن پېدال ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بىر ئاز ئۇزۇن بولغاچقا، بالىلار ۋېلىسپىت مىنگەندە بىر ئاز كۈچەپ كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن <X> شەكىللىك (ئىچ مايماق) پۇت شەكىللىنىپ قالىدۇ شۇڭا ئاتا - ئانىلار ۋېلىسپىت سېتىۋالغاندا بالىلارنىڭ يېشى ۋە بوي ئېگىزلىكىگە ماس بولغان ۋېلىسپىتنى سېتىۋېلىشى ۋە بالىلارنىڭ ۋېلىسپىت مىنگەن ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋېلىسپىت مىنگەندە ئوڭايلا تاساددىپىيلىقلار يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى بىخەتەر يەردە ۋېلىسپىت مىندۈرۈشى، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ، بالىلارنىڭ سوقۇلۇش تۈپەيلىدىن يارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە